UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئۆسۈملۈكلەر مەلۇم پەسىلدە ئېچىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئۆسۈملۈكلەر مەلۇم پەسىلدە ئېچىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئۇدۇمگۈلى، يازلىق نېلۇپەر، كۈزلۈك جۇخارگۈل، كۈزلۈك قارىئۆرۈك قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېچىلىدىغان مەلۇم پەسلى بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا ئېچىلىش (چېچەكلەش) ئىنتايىن مۇھىم بىر ھالقا بولۇپ، ئۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۆپىيىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنىڭ ئۆز كرىتىك تېمپېراتۇرا كۆرسەتكۈچى ۋە كرىتىك جۇغلانما تېمپېراتۇرا كۆرسەتكۈچى بولىدۇ. مەسىلەن، ئادەتتىكى ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كرىتىك تېمپېراتۇرا كۆرسەتكۈچى ئالتىدىن ئون سېلسىيە گرادۇسقىچە بولىدۇ. دېمەك، ئۆسۈملۈكنىڭ ھەر ئىككى جەھەتتىكى ئېھتىياجى قاندۇرۇلغان ۋاقىتتا، قىشلىق ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئۆسۈملۈكلەرمۇ ئويغىنىدۇ ھەمدە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بىخلىنىپ، يوپۇرماق چىقىرىدۇ، چېچەكەپ مېۋىلەيدۇ. يەنە ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنىڭ كۈن نۇرىغا بولغان تەلىپى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرى قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى مەلۇم چەكتىن ئاشقاندىلا ئاندىن ئېچىلىدۇ. بۇ <ئۇزۇن كۈن ئۆسۈملۈكلىرى> دېيىلىدۇ؛ بەزىلىرى قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى مەلۇم چەكتىن قىسقا بولغاندا ئېچىلىدۇ، بۇ <قىسقا كۈن ئۆسۈملۈكلىرى> دەپ ئاتىلدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا قىسقا كۈن ئۆسۈملۈكلىرى كۆپىنچە باش ئەتىيازدا ياكى كۈز پەسلى ئېچىلىدۇ؛ ئۇزۇن كۈن ئۆسۈملۈكلىرى كۆپىنچە ئەتىيازنىڭ ئاخىرى ياكى باش يازدا ئېچىلىدۇ. چۈنكى ئالدىنقىسىدا كۈن قىسقا، تۈن ئۇزۇن، كېيىنكىسىدە بولسا كۈن ئۇزاق، تۈن قىسقا، بىراق، بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇياشنىڭ يورۇتۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىغا بولغان تەلىپى ئانچە چىڭ ئەمەس، شارائىت ماس كەلسىلا نورمال ئېچىلىپ مېۋە بېرىدۇ. بۇنداق ئۆسۈملۈكلەر <ئوتتۇراھال كۈن ئۆسۈملۈكلىرى> دەپ ئاتىلىدۇ. بىز ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېچىلىشتىكى قانۇنىيىتىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆسۈش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ، تېمپېراتۇرىنى يوقىرلاتساق ياكى يورۇقلۇق چۈشۈرسەك ۋە ياكى نۇرنى توسساقلا ئۇلارنىڭ ئېچىلىش پەسلىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە