سۈت بېزى ياللۇغى دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
سۈت بېزى ياللۇغى ئانىلارنى ئايلىنىپ كېتەلمەيدۇ، ئانىلار دائىم ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈت بېزى ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ ھەم كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە توغرا قارىماي، سۈت نەيچىسى يېرىلىپ كېتىدۇ. يىرىڭ، سۇيۇقلۇقلار سۈتكە قوشۇلۇپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالىنى ئېمىتىشكە بولمايدۇ. ئادەتتە ئەمچەك توپچىسى يېرىلىپ كەتكەچكە، باكتېرىيىلەر ئەمچەك توپچىسىدىن كىرىپ، سۈت بېزى ياكى سۈت نەيچىلىرى ئەتراپى ياللۇغلىنىدۇ. ۋاقتىدا داۋالانمىغاچقا ئەمچەك زىيادە تولۇپ كېتىدۇ. سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بالىنى ئېمىتىش قىياپىتىدىن باشلاش ھەم سۈت نەيچىلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئېمىتىشتىن ئاۋۋال، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ، بالىنىڭ پاكىز ئەمچەك توپچىسىنى ئېمىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، سۈتنىڭ تىنىپ قېلىشىنى ئازلىتىش كېرەك. ئاز - ئازدىن، بىراق كۆپ قېتىم ئېمىتىش سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا. شۇنداقلا، ئەمچەك ۋە ئەمچەك توپچىسىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، بالا ئېمىتىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ۋاقتىدا تازىلاپ، يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازلىتىش لازىم.