UyghurWiki
UyghurWikiنەمەپادىشاھ مايمۇن راستتىنلا باشقا مايمۇنلارغا ئوخشاشمامدۇ؟

پادىشاھ مايمۇن راستتىنلا باشقا مايمۇنلارغا ئوخشاشمامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مايمۇن كوللېكتىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ھايۋان. تەبىئەت دۇنياسىدا نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز مايمۇننىڭ كوللېكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مايمۇنلا توپى ئىچىدە چوقۇم بىر بەستىلىك ئەركەك مايمۇن «پادىشاھ» بولىدۇ. ھايۋانات باغچىسىدا گەرچە كۆپ مايمۇن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭمۇ پادىشاھى بولىدۇ. پادىشاھ مايمۇن بەستلىك، كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان، روھلۇق كېلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاشمايدىغان مەرتىۋىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، دائىم بىرەر ئېگىزلىكنى ئىگىلىۋېلىپ، تاغ چوققىلىرىدا ئۆزى يالغۇز ئولتۇرىدۇ، قۇيرۇقىنى «S» شەكلىدە قالتىسلىقىنى، ھەيۋىسىنى كۆز - كۆز قىلىدۇ. پادىشاھ مايمۇن ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولىدۇ. يېمەكلىكنى ئەڭ ئاۋۋال يەيدۇ. ئەگەر بىرەر مايمۇن ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنمىسا، تازا ئەدىپىنى بېرىدۇ. شۇڭا، كىچىك مايمۇنچاقلار ھەر قانچە كەپسىز، شوخ بولۇپ كەتسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قىلىقلىرى ئاسانلىقچە تاپتىن چىقىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، پادىشاھ مايمۇن ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ تۇرىدۇ. پادىشاھ مايمۇننىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئولىيىتى بار. يەنى ئۇ مايمۇنلار توپىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە ئۆز قەبىلىسىنىڭ زېمىن تەۋەلىكىنى قوغىدىشى شەرت. سىرتلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئەركەك ياۋ مايمۇنلار دائىم مايمۇنلار توپىغا بۆسۈپ كىرىشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇ چاغدا، پادىشاھ مايمۇن باشقا مايمۇنلارنى باشلاپ چىقىپ، ئۇلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەربە بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئۆلتۈرۋەتمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ. مايمۇنلار توپى ئىچىدە، پادىشاھ مايمۇندىن باشقا مايمۇنلارنىڭ ھەممىسى چىشى مايمۇن ۋە بالا مايمۇنلاردىن ئىبارەت. كىچىك ئەركەك مايمۇنلار چوڭ بولۇشى بىلەن تەڭلا مايمۇنلار توپىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، تاكى تولۇق يېتىلگۈچە سەرسان تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر قىلىنىدۇ. ئۇلار تولۇق يېتىلگەندىن كېيىن، پادىشاھس مايمۇنغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. پادىشاھس مايمۇن ئەركەك مايمۇنلارنىڭ ئۆزئارا كۈچ سىنىشىشىدىن مەيدانغا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە