UyghurWiki›نەمە›بالىنىڭ كۆز - قوللىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ئىقتىـدارىنى قانداق مەشىقلەندۈرۈش كېرەك؟
بالىنىڭ كۆز - قوللىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ئىقتىـدارىنى قانداق مەشىقلەندۈرۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىنىڭ قول ۋە كۆزلىرى دەسلەپتە ھەرقايسىسى ئايرىم - ئايرىم رول ئوينايدۇ، ئايرىم پائالىيەت قىلىدۇ. بىر مەزگىللىك ۋاقىتتىن كېيىن، ئاستا - ئاستا ماسلىشىشقا باشلايدۇ. بۇ ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا يېڭى سەۋىيىگە يېتىشىدىكى ئۆلچەم. ئائىلە باشلىقى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، بالىڭىزغا ئىمكانقەدەر بالدۇرراق خىلمۇخىل شارائىت ۋە پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، بۇ جەھەتتىكى مەشىقنى ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك. مەشىق قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1. ئويۇنچۇقتىن پايدىلىنىپ مەشىق قىلغۇزۇش. ئىككى - ئۈچ ئايلىق بولغان بوۋاقلار دائىم ئۆزىنىڭ قولى ۋە كۆز ئالدىدىكى نەرسىلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئائىلە باشلىقى ئويۇنچۇقنى پۇلاڭلىتىپ، ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇ ئويۇنچۇققا دىققەت قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ قولىغا ئويۇنچۇقنى تۇتقۇزۇپ قويسا بولىدۇ. تۆت - بەش ئايلىق بولغاندا ئۆزى كۆرەلىگەن نەرسىلەرنى ۋە كۆز ئالدىغا قويۇپ قويغان ئويۇنچۇقنى ئالالايدۇ. بۇ ۋاقىتتا مېخانىكىلىق ئويۇنچۇقنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ ياكى ئۇنىڭ قولى يەتمەيدىغانراق يەرگە قويۇپ، ئۇنى قول ۋە كۆزلىرى بىلەن قوغلاشقا قىزىقتۇرۇش؛ بەش - ئالتە ئايلىق بولغانلارغا ئويۇنچۇقنى ئېلىپ چېكىپ، ئۆرۈپ ئويناشقا مەشىق قىلدۇرۇش؛ ھەم مەشىق جەريانىدا ئىككى قولى بىلەن ئويۇنچۇقنى تەڭ تۇتۇشقا ئۆگىتىش؛ يەتتە - سەككىز ئايلىق بولغانلارغا قەغەز يىرتىشنى، ئەينەككە قاراپ ئۆزىنىڭ بەش ئەزاسىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى، كىچىك قوشۇقنى ئېلىشنى ئۆگىتىش؛ ئون ئاي ئەتراپىدا بولغاندا، ئويۇنچۇقلىرىنى ئويۇنچۇق ساندۇقىغا، توپلىرىنى قاپقا ئېلىپ سېلىشنى، قۇتا ئېغىزىنى بۇراشنى ئۆگىتىش كېرەك.
2. كۈندىلىك تۇرمۇشتا مەقسەتلىك ھالدا مەشىق قىلغۇزۇش كېرەك. مەسىلەن: بالا ئېمىۋاتقان ۋاقىتتا، بالا ئانىنىڭ ئەمچىكى ياكى سۈت بوتۇلكىسىنى تۇتقۇزۇپ بەرسە، سەل چوڭراق بولغاندا بالا ئۆزى ئېغىزغا سالالايدىغان بولىدۇ. باش بارماق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن نەرسىلەرنى ئېغىزىغا تىقالايدىغان بولىدۇ. ئىستاكان بىلەن سۇ ئىچىشنى مەشىق قىلدۇرسا بولىدۇ. بىر ياش ئەتراپىدا بولغاندا، ئۇنىڭغا ئۆزىنى قوشۇقتا نەرسە يېيىشكە، ئايىغىنى سېلىشقا، ئاچقۇچنى قۇلۇپنىڭ تۆشۈكىگە تىقىپ، قۇلۇپنى ئېچىشقا، ئائىلە سايمانلىرىنىڭ تارتمىلىرىنى ئېتىشنى مەشىق قىلدۇرۇش. بالىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەرىكەتلىرىگە بولغان مەشىقىگە كۆڭۈل قويغان - قويمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.