ئىككى ياشلىق بالىلار قايسى خىل ھەرىكەتكە ئەڭ ئامراق؟
نېمە ئۈچۈن
ئىككى ياشلىق بالىلارنىڭ يېتىلىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۇستىخان ۋە مۇسكۇللىرىنىڭ يېتىلىشى كۆرۈنەرلىك ھالدا بولۇپ، بالىلارنىڭ ماڭىدىغان، يۈگۈرەلەيدىغان، سەكرەيدىغان پائالىيەت سورۇنى نىسبەتەن كەڭ بولىدۇ. ئاددىي ھالەتتىكى ئۆي ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. شۇڭا، بالىلار سىرتقا چىقىپ، تەنتەربىيپە پائالىيەتلىرى بىلەن مەسىلەن: ئۈچ چاقلىق بالىلار ۋېلىسپىتى مىنىش، گۈلەڭگۈچ ئۇچۇش، تېيىلىپ ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئىنتايىن ئامراق بولىدۇ. بۇلار بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا ئوغۇل بالىلار پۇتبۇل ۋە ۋالىبول ئويناشقا، قىز بالىلار تەپكۈچ ۋە قۇم خالتىسى ئويناشقا ئامراق كېلىدۇ. بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۇستىخان ۋە مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە پائالىيەتچانلىقىنى مەشىق قىلدۇرغىلى، ئەگەر ئوخشاش ياشتىكى دوستلىرى بىلەن بۇ خىل ئويۇنلارنى ئوينىسا، يەنە بالىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. بىراق، بۇ خىل پائالىيەتلەردە چوقۇم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش كېرەك.