نېمە ئۈچۈن كىچىك قىزلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيسە بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھازىر ئېلىمىزنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدا ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىدىغان ياش - ئۆسمۈرلەر كۆپىيىپ كەتتى، بۇ ياخشى ھادىسە ئەمەس. چۈنكى، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈشىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ يول ماڭغاندا، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن كۆكرەكنى كېرىپ، بەلنى تۈز تۇتۇپ، تىزلىرىنى ئەگمەي يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بەل، سۆڭگەچ مۇسكۇللىرى باشتىن - ئاخىر جىددىي ھالەتتە تۇرىدۇ، شۇڭا بەدەن ئاسانلا چارچايدۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە ئېغىرلىق مەركىزى پۇتنىڭ ئالىقىنى ۋە ئۇچىغا چۈشكەچكە، بۇ جايلار ئۇزاق مۇددەت بېسىمغا ئۇچراپ، قاداق، پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا، پۇتنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. كىچىك قىزلار دائىم ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيسە، داسسۆڭىكىنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ، بۇ كېيىنكى كۈنلەردىكى تۇغۇتىغىمۇ زىيانلىق.
تەنتەربىيە دەرسىدە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيسە، ھەرىكەتنىڭ ئېپىنى ئىگىلىۋېلىشقا پايدىسىز بولۇپ، سەكرىگەندە چوڭ مېڭە سىلكىنىدۇ، تېخى پۇت قايرىلىپ كېتىدىغان، ھەتتا سۆڭەك سۇنۇپ كېتىدىغان ياكى دەز كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقىدۇ.
قىزلار ئۇزاق مۇددەت ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيسە، بەدەننىڭ ماسلىشىشچانلىقىغا دەخلى قىلىدۇ - دە، قاتنىشىشقا تېگىشلىك بەزى پائالىيەتلەرگە قاتنىشالمايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھۇرۇنلىشىپ، توپتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ مەنىۋى ساغلاملىقى ۋە ئەقلىي تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
يەنە بىرى قىزلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ يول مېڭىپ ئادەتلىنىپ قالغاچقا، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى سېلىۋەتسە ماڭالماي قالىدۇ.
قىسقىسى، كىچىك قىزلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيسە، ساغلاملىققا زىيانلىق، ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.