UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلاردا نېمە ئۈچۈن ھەسەتخورلۇق قىلىش پسىخىكىسى بولىدۇ؟

بالىلاردا نېمە ئۈچۈن ھەسەتخورلۇق قىلىش پسىخىكىسى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھەسەتخورلۇق بولسا ئىنسانلارنىڭ بىرخىل ئىپتىدائىي ھېسسىياتى ۋە ئىنسانلارنىڭ پسىخىكا پائالىيەت جەريانىدىكى تەبىئىي تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بەلگىلىك ئومۇملىققا ئىگە. بالىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پسىخىكىسى دەسلەپكى مەزگىلدىكى كەيپىياتتىن باشلاپ شەكىللىنىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ۋە يېشىغا تولغان بالىلاردا كەيپىيات پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. مەسىلەن: يەپ تويغان بولسا، قېلىن كىيىنىپ راھەت ھېس قىلغان بولسا، رازىمەنلىك ۋە خۇشاللىق كەيپىياتنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا يىغلاپ، توختىماي نارازى بولۇش كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۈچ - تۆت ئايلىق بولغاندا، بوۋاقلارنىڭ كەيپىياتى شادلىنىش ۋە قايغۇرۇش دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، بەش - ئالتە ئايلىق بولغاندا قايغۇرۇش ئاساسىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قورقۇش، نەپرەتلىنىش ۋە ئاچچىقلىنىش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن: بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئاتا - ئانىلار باشقا بالىلارنى ئەركىلىتىپ، ئامراقلىق قىلسا، ئۇ دائىم نارازىلىق ئىپادىسىدە بولۇپ، يىغلاپ ھەسەتخورلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەسەتخورلۇق — ناچار كەيپىيات بولۇپ، ئۇ ئادەمنى ئىچى تار، مەنپەئەتپەرەس قىلىپ قويىدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى ھەسەتخورلۇق يەنە قاتتىق ئۆچمەنلىك پسىخىكىسىنى پەيدا قىلىپ، ئۆچ ئېلىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پسىخىكىسىغا قارىتا توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ، توغرا رىقابەتلىشىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان قىلىشى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا ھەسەتخورلۇق بالىلارنى ئالغا باستۇرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلاردا نېمە ئۈچۈن ھەسەتخورلۇق قىلىش پسىخىكىسى بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki