باش قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ئەقىللىق بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
خەلق ئىچىدە مۇنداق بىر كۆز قاراش بار: <باش قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ>. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل خاتا قاراش. باش ئايلانمىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنىڭ ئېگىزلىك، ئېغىرلىققا ئوخشاش نورمال دائىرىسى بار، باش ئايلانمىسىنىڭ چوڭلۇقى ھەرگىزمۇ ئەقلىي سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى تەخمىنەن 34 سانتىمېتىر، ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ تەخمىنەن 33 ~ 35 سانتىمېتىر، قىز بوۋاقلارنىڭ 24 ~ 34 سانتىمېتىر بولىدۇ. تۇغۇلغان بىرىنچى يىلى بوۋاقنىڭ باش ئايلانمىسى تەخمىنەن 12 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئالتە ئايدا ئەڭ تېز چوڭىيىدۇ، تەخمىنەن 8 ~ 10 سانتىمېتىر، كېيىنكى ئالتە ئايدا تەخمىنەن ئۈچ سانتىمېتىر، ئىككى ياشلىق بالىنىڭ باش ئايلانمىسى ئىككى سانتىمېتىردىن ئۈچ سانتىمېتىرغىچە چوڭىيىپ، 48 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. كېيىن باش ئايلانمىسىنىڭ چوڭىيىشى بارا - بارا ئاستىلاپ، بەش ياشتا 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، 15 ياشتا قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ سەۋىيىسىگە يېقىنلىشىپ، تەخمىنەن 54 ~ 58 سانتىمېتىر بولىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ باش ئايلانمىسى نورمال دائىرىدىن بەكرەك چوڭ بولسا ياكى باش ئايلانمىسى قىسقا مەزگىل ئىچىدە بەك تېز چوڭىيىپ كەتسە، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىنورماللىقنىڭ ئىپادىسى. باشنىڭ زىيادە چوڭلۇق غەلىتىلىكى، مېڭىگە سۇ يىغىلىش ياكى كۆمۈرچەكنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئامىللىرى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بالىنىڭ باش ئايلانمىسىنىڭ چوڭىيىشى بەك تېز ياكى بەك ئاستا بولغاندا، ئائىلە باشلىقلىرى سەل قارىماسلىقى ھەم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىشى كېرەك