UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقنىڭ شۆلگىيى كۆپرەك بولغاندا قانداق كۈتۈش كېرەك؟

بوۋاقنىڭ شۆلگىيى كۆپرەك بولغاندا قانداق كۈتۈش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن گەرچە بوۋاقنىڭ شۆلگىيى ئېقىش بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن شۆلگەي كىسلاتالىق ماددا ھەمدە تەركىبىدە ھەزىم ئېنزىمى بولغاچقا، شۆلگەي تېرىگەئېقىپ كەتكەندە ئاسانلا تېرىنىڭ ئەڭ سىرتقى يۈزىدىكى مۈڭگۈزلۈك قەۋەتنى چىرىتىپ تېرە ياللۇغى كېلىپ چىقىشقا سەۋەب بولۇپ، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق تېرە كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا دائىم شۆلگىيى ئاقىدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ھەر ۋاقىت ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى شۆلگىيىنى تازىلاپ تۇرۇش؛ شۆلگىيىنى تازىلىغاندا پاكىز، يۇمشاق بولغان پاختا لۆڭگە ياكى سالفېتكا (ئېغىز سۈرتىدىغان قەغەز) بىلەن سۈرتۈش؛ لېكىن بەك كۈچىمەسلىك، پەقەت بوشقىنا بېسىپ شۆلگەينى پاكىز سۈرتۈۋەتسىلا كۇپايە. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دائىم ئىلمان سۇ بىلەن ئېڭەك ۋە بويۇن قىسمىنىڭ تېرىسىنى يۇيۇپ بېرىش كېرەك. تېرە ۋە كىيىمىنىڭ پاكىز ۋە قۇرۇقلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن، شۆلگىيى بەك كۆپ ئاقىدىغان بوۋاقلارغا شالدۇرۇق تارتىپ قويسا بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، شالدۇرۇقنىڭ رولى ئاساسلىقى شۆلگەي كىيىمىنى مەينەت قىلىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇڭا ياش، پوتلا قاتارلىقلارنى سۈرتۈشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، شالدۇرۇق ۋە لۆڭگىنى دائىم يۇيۇپ دەزماللاش ۋە قۇرۇقلۇقىنى ساقلاش، كېسەللىك باكتېرىيىسىنى ئېلىپ يۈرۈپ يۇقۇملىنىش ۋە كېسەل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە