UyghurWiki
UyghurWikiنەمەپىل خارتومىنىڭ قانداق رولى بار؟

پىل خارتومىنىڭ قانداق رولى بار؟

نېمە ئۈچۈن يەر شارىدا پىلنىڭكىدىنمۇ ئۇزۇن خارتۇمى بار ھايۋان بولمىسا كېرەك. پىل خارتۇمى ئارقىلىق نەپەس ئالغان ۋە نەرسىلەرنى پۇرىغاندىن باشقا، يەنە نەرسىلەرنى ئېگىپ يەيدۇ، سۇ ئىچىدۇ، نەرسىلەرنى يۆتكەيدۇ، ئومۇمەن پىلنىڭ خارتۇمى ئادەملەرنىڭ قولىغا ئوخشاش نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدۇ. پىژ - پىژ ئىسسىق ياز كۈنلىرى، پىل دائىم يۇيۇنىدۇ، لېكىن ئۇ دەرياغا سەكرەپ چۈشۈپ <ۋاننىلىنىش> نى ياخشى كۆرمەيدۇ، شۇڭا ئۇ يۇيۇنغاندا خارتومىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ. پىل يۇيۇنماقچى بولسا، دەريا بويىغا كېلىپ خارتومىنى سوزۇپ سۇنى يېتەرلىك سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئاندىن بەدىنىگە شالاقشىتىپ چاچىدۇ. پىل سۇ ئۈزۈشكە ئانچە ماھىر ئەمەس، لېكىن ئۇ دەريالارغا ئۇدۇل كېلىپ قالسا، دەريا سۈيى ئۇنى چۆكۈرۈۋەتكۈدەك دەرىجىدە خېلى چوڭقۇر بولسىمۇ، دەرياغا قورقمايلا چۈشۈپ بىمالال ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. پىل دەريادىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، خارتۇمىنى سۇدىن ئېگىز قىلىپ چىقىرىۋالىدۇ، ئۇنىڭ مۇشۇ <نەپەسلىنىش كانىيى> بولغاچقا، سۇدا تۇنجۇقۇپ قالمايدۇ. پىلنىڭ خارتۇمى يەنە كىچىك تىپتىكى <كران> نىڭ رولىنى ئوينايدۇ. تەربىيلەنگەن پىل ياغاچ توشۇش ماھىرىدۇر، نەچچە يۈز كىلوگرام كېلىدىغان ياغاچلارنى خارتۇمىغا يۆگەپلا كۆتۈرۈۋالىدۇ. بىر پىل قاۋۇل ئون نەچچە يىگىتنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە