UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتەشتەكتىكى مەنزىرە دەرىخى نېمە ئۈچۈن ئاجايىپ كۆركەم ئۆسىدۇ؟

تەشتەكتىكى مەنزىرە دەرىخى نېمە ئۈچۈن ئاجايىپ كۆركەم ئۆسىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تەشتەكتىكى مەنزىرە دەرەخلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ناھايىتى پاكار ئۆسىدۇ، قېرى دەرەخ قىياپىتىگە كەلتۈرۈلگەن بىر تال مەنزىرە دەرىخى نەچچە ئون يىل، ھەتتا 100 يىلدىن ئارتۇق ياشىغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ دەرەخلەرنىڭ بىر خىلى كىچىكىدىنلا تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن، يەنە بىر خىلى بولسا سىرتتىن تەشتەككە كۆچۈرۈپ ئۆستۈرۈلگەن بولىدۇ. كىچىكىدىنلا تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن دەرەخلەر سۈنئىي ئۇسۇلدا باغلاش، پۇتاش، قىرقىش ئارقىلىق ئۆسۈش كونترول قىلىنىپ، ھەر خىل چىرايلىق شەكىللەرگە كەلتۈرۈلىدۇ، تەشتەككە تىكىپ ئۆستۈرۈلگەن دەرەخلەرنىڭ تولىسى ئەسلىدە تاغ ئىچىدە ياكى كەڭ دالىلاردا ئۆسكەن، ئادەملەرنىڭ كېسىۋېتىشى ياكى قۇرۇپ ئىچى پورلىشىپ كېتىشى ئارقىسىدا، يەر ئۈستى قىسمى يوقىلىپ كەتكەن، لېكىن غولىنىڭ تۈۋىدە ئۇيقۇدا ياتقان بىخى ۋە يىلتىزى يەنىلا كۆكلەپ تۇرغان، باغۋەنچىلىك ئىشلىرى بۇنداق دەرەخلەرنى بايقىغاندىن كېيىن ئۇلارنى يىلتىزى بىلەنلا قېزىۋېلىپ، پۇتاپ رەتلىگەندىن كېيىن، ئوزۇقلۇق تۇپراققا كۆچۈرۈپ پەرش قىلغان. بىر مەزگىل ئوتكەندىن كېيىن ئۇيقۇدا ياتقان بىخ قايتىدىن كۆكلەپ، تەدرىجىي شاخ - يوپۇرماق چىقارغان. بۇ ۋاقىتتا يۇمران شاخنى سىم بىلەن ئوراپ ياكى ئېگىپ ھەر خىل كۆركەم تۈسكە كىرگۈزۈپ ئاندىن تەشتەككە كۆچۈرگەن. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، خىلمۇ خىل قىياپەتتىكى كۆركەم تەشتەك مەنزىرىسىگە ئايلاندۇرغان. تەشتەكتە ئۆستۈرۈلىدىغان يەنە بىر خىل مېيخۇا گۈلى بولۇپ، ئۇ بىر قانچە يىل ئۆسكەندىن كېيىن، ھەر يىلى ئېچىلىدۇ، لېكىن شاخلىرى پاكار، قىياپىتى كۆركەم بولۇپ، خۇددى ئۇزۇن يىل ياشىغان قېرى دەرەختەك كۆرۈنىدۇ. كىشىلەر ئۇنى <مېيخۇا قوزۇق> دەپ ئاتىشىدۇ. ئەگەر ئۇنى يېرىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئايرىم - ئايرىم تەشتەككە تىككەندە، <يارما مېيخۇا> غا ئايلىنىپ، تېخىمۇ قىزىقارلىق بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە