UyghurWiki›نەمە›بىر ياشتىن بىر يېرىم ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ يېمەكلىك جەھەتتە قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
بىر ياشتىن بىر يېرىم ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ يېمەكلىك جەھەتتە قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
نېمە ئۈچۈن
بىر ياشقا تولغان بالىلاردا، بەش تالدىن سەككىز تالغىچە چىش چىقىپ بولغان بولىدۇ، بالىنىڭ چايناش ئىقتىدارى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلايدۇ. بىراق ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بىر ئاز ئاجىز بولۇپ، چوڭلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ تامىقى يەنىلا ئاددىي، سىڭىشلىك بولغىنى ياخشى. بولۇپمۇ گۆش ۋە تالالىق ئۆسۈملۈك قاتارلىق ئوڭاي ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەپ بېرىش، بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاخ تاماققا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، كۈندە ئىككى ۋاخ سۈت ئېمىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا سۈت يالغۇز ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كالتسىي تولۇقلاپ، بالىنىڭ سۆڭىكىنى چىڭىتىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ.