UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقان شورىغۇچى شەپەرەڭ ۋەھىشىي قان شورىغۇچى ئالۋاستىمۇ؟

قان شورىغۇچى شەپەرەڭ ۋەھىشىي قان شورىغۇچى ئالۋاستىمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھايۋانلار ئىچىدە قان شورىغۇچى شەپەرەڭ كىشىنىڭ ئەڭ ئۆچلۈكىنى كەلتۈرىدىغان ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كۆرۈمسىز بولغاندىن سىرت، يەنە ۋەھىشىي قان شورىغۇچى ئالۋاستىدۇر. قان شورىغۇچى شەپەرەڭ جەنۇبىي ئامېرىكىدا ياشايدۇ. بۇ باشقا شەپەرەڭلەردەك مەخسۇس پاشا تۇتۇپ يېمەستىن، بەلكى ئاساسلىقى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى ۋە قۇشلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. قان شوراش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ تۇمشۇقى كونۇسىمان بولۇپ، ئۇزۇن ھەم ئۆتكۈر چىشلىرى ئۈچ بۇلۇڭ شەكىلىدە ئۆسۈپ چىققان. ئۇنىڭ شەمشەردەك بۇ ئۆتكۈر چىشلىرى باشقا ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئوڭايلا شىلىۋېتەلەيدۇ. قان شورىغۇچى شەپەرەڭنىڭ يۇتقۇنچىقىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئىنچىكە نەيچىگە ئوخشىشىدۇ، قان سۈمۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. قان شورىغۇچى شەپەرەڭنىڭ شۆلگىيىدە قاننىڭ قېتىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر خىل ماددا بار بولۇپ، مەيلى قايسى ھايۋان بولوشىدىن قەتئىينەزەر، قان شورىغۇچى شەپەرەڭ چىشلەپ جاراھەتلەندۈرگەنلا بولسا، قان توختىمايدۇ. كۈچىنىڭ بارىچە قان شوراشقا باشلايدۇ، قورسىقى تويغاندىلا ئاندىن بولدى قىلىدۇ. قان شورىغۇچى شەپەرەڭنىڭ قان شوراش ۋاستىسى ئىنتايىن خەتەرلىك، كۆپ ساندىكى شەپەرەڭلەر يەردە ئۆمىلىيەلەيدۇ، لېكىن قان شورىغۇچى شەپەرەڭنىڭ پۇت - قوللىرى ئۇزۇن ھەم ئىنچىكەن بولۇپ، يەردە ھېچقانچە كۈچىمەيلا ماڭالايدۇ. ئۇ ئوۋغا قول سېلىشتىن ئىلگىرى ئالدىن تاللىۋالغان جايدا بىردەم تۇرۇۋېلىپ، قارشى تەرەپنى پۇرىغاندىن كېيىن، چىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ تېرىسىدىن بىر ئېغىز ئېچىپ، بىر نەچچە سېكۇنت يالىۋېلىپ ئاندىن شوراشقا باشلايدۇ. قان شورىغۇچى شەپەرەڭ ئىنتايىن ئاچ كۆز بولۇپ، بىر قېتىملىق قان شوراش ۋاقتى 40 - 50 مىنۇتقا يېتىدۇ. ستاتىستىىكا قىلىنىشىچە، بىر قان شورىغۇچى شەپەرەڭ پۈتۈن ئۆمرىدە 100 مېتىردىن ئارتۇق يېڭى قان سۈمۈردىدىكەن. دېمەك، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنىڭ تېنىنى شۈركۈندۈرگۈدەك ۋەھىشىي ھايۋان
← بارلىق تېمىلار نەمە