UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار نېمە ئۈچۈن گلۇكوزىنى كۆپ ئىچسە بولمايدۇ؟

بالىلار نېمە ئۈچۈن گلۇكوزىنى كۆپ ئىچسە بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بەزى ئاتا - ئانىلار خاتا ھالدا گلۇكوزىدا ئوزۇقلۇق مول دەپ، بالىلارغا مەيلى سۈت بەرسۇن ياكى بۇلماق بەرسۇن، ھەتتا سۇ بەرگەندىمۇ ئازراق گلۇكوزا قوشۇپ بەرسە، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىرخىل ئىلمىي كۆزقاراش ئەمەس، شۇنداقلا بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز. ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلىدىغان كاربون - سۇ بىرىكمىلىرى (شېكەر ۋە كراخمالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىۋاسىتە قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۈچەي يوللىرىدا ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنىڭ رولى ئارقىلىق گلۇكوزىغا پارچىلىغاندا، ئاندىن ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەگەر گلۇكوزىنى بىۋاسىتە ئسىتېمال قىلسا، ھەزىم قىلىش ئىنزىملىرىنىڭ رولىنىڭ ھاجىتى يوق. بىۋاسىتە سۈمۈرۈلۈپ قانغا كىرىدۇ، ئەگەر بالىلار ئۇزۇن مۇددەت گلۇكوزا ئىستېمال قىلسا، ئادەمنىڭ نورمال ھەزىم قىلىش فۇنكسىيىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنىڭ ئاجرىتىلىپ چىقىش پۇرسىتى ئازىيىپ كېتىدۇ - دە، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم بالىلارنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكىنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا ئۇزۇن مۇددەت گلۇكوزا بەرمەسلىك كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە