نېمە ئۈچۈن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىدا سەكرىگەندەك ماڭىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تېلېۋېزوردىن <ئاپوللو> ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئاي شارىغا قونغان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن: ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىغا چىققاندىن كېيىن كۆپىنچە بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن ئالدىغا ماڭماستىن، بەلكى كىچىك بالىلاردەك سەكرەپ ماڭىدۇ. ئۇلار بەزىدە بىر پۇتلاپ سەكرىسە، بەزىدە ئىككى پۇتلاپ سەكرەيدۇ ۋە سەكرىگەچ: <بەك قىزىقارلىق بولىدىكەن! بەك قىزىقارلىق بولىدىكەن!> دەپ ۋارقىرايدۇ.
ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئاي شارىدا سەكرەپ مېڭىشى قىزىقارلىق بولۇشى ئۈچۈن ئەمەس. ئاي شارىنىڭ ماسسىسى يەر شارىنىڭكىدىن كۆپ كىچىك بولغاچقا، ئاي شارىدىكى ئېغىرلىق يەر شارىدىكىنىڭ ئاران ئالتىدىن بىرىچىلىك كېلىدۇ. يەر شارىدا بەدەن ئېغىرلىقى 600 نيۇتون كېلىدىغان بىر ئاەمنىڭ ئاي شارىدىكى ئېغىرلىقى ئاران 100 نيۇتون كېلىدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىغا چىققاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى يېنىك بولۇپ قالىدۇ. پۇتىنىڭ ئاي يۈزى بىلەن سۈركىلىش كۈچىمۇ يەر شارىدىكىنىڭ ئالتىدىن بىرىچىلىك بولىدۇ - دە، يول مېڭىشتا ئالاھىدە كۈچىشىگە توغرا كېلىدۇ، ئاي شارىدا بىر قەدەم مېڭىش ئۈچۈن يەر شارىدىكىدىن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. بىز يەر شارىدا بىر مىنۇتتا 100 نەچچە قەدەم ماڭالايمىز، ئەمما ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىدا بىر مىنۇتتا ئاران 20 نەچچە قەدەم ماڭالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي شارى يۈزىنى قېلىن بىر قەۋەت يۇمشاق قۇم قاپلىغان، ئادەم ئۇنىڭ ئۈستىدە ماڭغاندا ناھايىتى ئاسانلا تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىدا بەدەن ئېغىرلىقى يەڭگىل بولغاچقا، يەر شارىدىكىدىن كۆپ ئاسان سەكرىيەلەيدۇ، شۇڭا ئاي شارىدا سەكرەپ ماڭىدۇ.
بۇ خىل سەكرەپ مېڭىش ئۇسۇلىنى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىدا مەشىق قىلىۋاتقاندا ئالدىنئالا ئويلاپ تاپقان ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئاي شارىغا چىققاندىن كېيىن، ئالدىرىغاندا ئەقىل تېپىپ ئىجاد قىلغان.