نېمە ئۈچۈن دېڭىز قۇلۇلىسىنىڭ ئاغزىدىن <دېڭىز شاۋقۇنى> ئاڭلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قۇلىقىڭىزنى دېڭىز قۇلۇلىسىنىڭ ئاغزىغا يېقىن ئەكەلسىڭىز <غۇڭۇلدىغان> ئاۋازنى ئاڭلايسىز. بەزىلەر بۇنى يىراقتىكى دېڭىزدىن كەلگەن <دېڭىز شاۋقۇنى> دەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە، قۇرۇق چايدان ياكى بوتۇلكا قاتارلىقلارنى قۇلىقىڭىزغا يېقىن ئەكەلسىڭىزمۇ مۇشۇنداق ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. بۇ ئاۋازنىڭ تىترىشىدىن پەيدا بولغان ئاۋاز ھادىسىسى بولۇپ، ئاۋاز ئىلىمىدە رېزونانس دېيىلىدۇ. ئىككى ئاۋاز چىقىرىش چاستوتىسى ئوخشاش ياكى يېقىن جىسىمنىڭ ئارىلىقى يىراق بولمىسا، ئەگەر ئۇنىڭ بىرى ئاۋاز چىقارسا، يەنە بىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ، مانا بۇ ئاۋاز ئورتاقلىقى.
بىز دېڭىز قۇلۇلىسىنىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى ھاۋا تۈۋرۈكى دېسەك، ھاۋا تۈۋرۈكى ئاۋاز چىقارغۇچ بولىدۇ. ئەگەر دېڭىز قۇلۇلىسىنىڭ ئەتراپىدا ھاۋا تۈۋرۈكىنىڭ ئاۋاز چىقىرىش چاستوتىسىغا يېقىن ئاۋاز بولسا ھاۋا تۈۋرۈكىدە رېزونانس پەيدا بولۇپ، بۇ ئاۋازنى كۈچەيتىدۇ. ئەتراپىمىزدا ھەر ۋاقىت نۇرغۇن ئاۋازلار مەۋجۇت بولىدۇ. گەپ قىلغان ئاۋاز، قۇشنىڭ سايرىغان ئاۋازى، ماشىنىنىڭ ئاۋازى... قاتارلىق ھەر خىل ئاۋازلارنىڭ ئۆز ئالدىغا چاستوتىسى بولىدۇ. تىپتىنچ كېچىدىمۇ يىراقتىن كېلىدىغان نۇرغۇن ئاۋازلار بولىدۇ، ئۇلار بەش بولغاچقا ئاسانلىقچە ئېنىق ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. مۇشۇ ئاۋازلار ئىچىدە چاستوتىسى دېڭىز قۇلۇلىسىنىڭكىگە يېقىن كېلىدىغانلىرى بولۇپ، ئۇ رېزونانس پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا كۆپ خىل چاستوتىسى يېقىن ئاۋازلار دېڭىز قۇلۇلىسىدە ئورتاق سادا پەيدا قىلىدۇ، مانا بۇ قۇلىقىمىزنى دېڭىز قۇلۇلىسىنىڭ ئاغزىغا يېقىن ئەكەلگەندە ئاڭلىغان <غۇڭۇلىدىغان> ئاۋاز. ئەگەر دېڭىز قۇلۇلىسى يېرىلىپ كەتسە، ئەسلىدىكى ھاۋا تۈۋرۈكىنىڭ مۇكەممەللىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئاۋاز چىقىرالمايدۇ، بۇ چاغدا <دېڭىزنىڭ شاۋقۇنى> نى ئاڭلىيالمايسىز.