UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بەزى ئۆسۈملۈكلەر سۇدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى پارچىلىيالايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزى ئۆسۈملۈكلەر سۇدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى پارچىلىيالايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سۇ بىلەن ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى زىچ مۇناسىۋەتلىك. يەيدىغان، ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سۇدىن ئايرىلالمايدۇ، لېكىن ھازىرقى زامان سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ دائىم سانائەتتىن چىققان كېرەكسىز سۇلار بىلەن بۇلغىنىپ، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا غايەت زور زىيان يەتكۈزمەكتە. بىراق، نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر، مەسىلەن، پىيىزەك، يېكەن، ئېخورنىيە ئوتى، كاۋاك سەي، بېلىق ئوتى قاتارلىقلار پاسكىنا سۇلارنى تازىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. پاسكىنا سۇ كۆلچەكلىرىدە بېلىقلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان زەھەرلىك ماددىلار ئون نەچچە خىلغا يېتىدۇ. ئەگەر بۇ كۆلچەكلەرگە پىيىزەك تېرىغاندا، زەھەرلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، سىنىڭ تەركىبى ئون مىللىگرام / لىتىر بولغان پاسكىنا سۇغا ئېخورنىيە ئوتى تېرىلسا، ئۇلارنىڭ تېنىدىكى سىنىك مىقدارى ئادەتتىكى سۇغا تېرىلغان ئېخورنىيە ئوتلىرىنىڭ تېنىدىكى سىنىك مىقدارىدىن 133% كۆپ بولىدۇ. تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، قومۇش سۈمۈرگەن مانگاننىڭ قويۇقلۇقى ئۇنىڭ سۇدىكى قويۇقلۇقىنىڭ 1770 ھەسسىگە، قومۇش سۈمۈرگەن تۆمۈرنىڭ قويۇقلۇقى ئۇنىڭ سۇدىكى قويۇقلۇقىنىڭ 3388 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن؛ ئۇرۇق سۈمۈرگەن كوبالىتنىڭ قويۇقلۇقى ئۇنىڭ سۇدىكى قويۇقلۇقىنىڭ 2670 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. سۇدا بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەر خۇددى نۇرغۇن تەبىئىي <تازىلىغۇچ> لارغا ئوخشاش سۇ سۈپىتىنى ساپلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ زەھەرلىك ماددىلار ئۆسۈملۈك تېنىگە كىرگەندىن كېيىن، بەزىلىرى يىلتىز قىسمىدا توپلىنىدۇ، بەزىلىرى يىلتىز ئارقىلىق ئۆسۈملۈكنىڭ غول ۋە يوپۇرمىقىغا يۆتكىلىدۇ ياكى مېۋىسىگە، ئۇرۇقىغا كىرىدۇ. يەنە بىر قىسىم زەھەرلىك ماددىلار بىۋاستە ھالدا ئۆسۈملۈكنىڭ تېنىدىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىغا قاتنىشىدۇ، بۇ ئارقىلىق زەھەرلىك ماددىلار يەنە زەھەرسىز ماددىلارغا ئۆزگىرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە