قۇشلارنىڭ تۇخۇمىدا نېمە ئۈچۈن ھەر خىل رەڭ ۋە ئالىچىپار سىزىقچىلار بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
سىز قۇشلارنىڭ تۇخۇمىنى كۆزىتىپ باققانمۇ؟ قۇشلارنىڭ تۇخۇمىدا ھەر خىل رەڭ ۋە ئالىچىپار سىزىقچىلار بولىدۇ، مەسىلەن، ئاق قاش قۇشقاچنىڭ تۇخۇمى كۆك، چوڭ ئاق قاقىرنىڭ تۇخۇمى يېشىل بولىدۇ، قىسقا قاناتلىق جاغجاقنىڭ تۇخۇمى قىزىل گۆھەرگە ئوخشىشىدۇ، بۇلبۇلنىڭ تۇخۇمىدا مەرمەر تاشنىڭكىدەك ئالىچىپار سىزىقچىلار بولىدۇ. . .
ئەمەلىيەتتە، بۇ رەڭ ۋە ئالىچىپار سىزىقلار قۇشلار تۇخۇمىغا نىسبەتەن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن، ئاق قاقىر تاشلىق دەريا ساھىلىغا تۇخۇملايدۇ، ئۇنىڭ تۇخۇمىنىڭ رەڭگى ۋە تۇخۇمدىكى ئالچىپار سىزىقچىلار غاز تۇخۇمىغا ناھايىتى ئوخشاش بولۇپ، ئىنچىكلەپ قارىمىسا، پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. قاراڭغۇ جايلارغا تۇخۇملايدىغان تۆمۈر تۇمشۇق بىلەن مۈشۈكياپىلاقنىڭ تۇخۇمى ئاق بولىدۇ. ئاق تۇخۇم كۈندۈزى كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان بولغاچقا، دۈشمەنلەر ئۇنى ئوڭايلىقچە بايقىيالمايدۇ. لېكىن ئۇنى كېچىسى ئاسانلا تېپىۋالغىلى بولىدۇ. دېمەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇشلارنىڭ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش جەھەتتىكى ماھارىتىدىن ئىبارەت. ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قىزىل تۇپراقلىق رايونلاردا ياشايدىغان قۇشلارنىڭ تۇخۇمى قىزىلغا مايىل كېلىدۇ؛ شىمالدىكى كۈل رەڭ تۇپراقلىق رايونلاردا ياشايدىغان قۇشلارنىڭ تۇخۇمى كۆپىنچە ھاللاردا كۈل رەڭ كېلىدۇ؛ قۇم ساھىللىرىدىكى قۇش تۇخۇملىرىنىڭ رەڭگى سۇس قوڭۇررەڭ كېلىدۇ؛ ئوت - چۆپتىن ياسالغان قۇش ئۇۋىلىرىدىكى تۇخۇملارنىڭ رەڭگى كۆپىنچە سېرىق كېلىدۇ.
ئۇنداقتا، قۇش تۇخۇملىرىدىكى ھەر خىل رەڭلەر ۋە ئالىچىپار سىزىقچىلار قانداق شەكىللەنگەن؟ ئەسلىدە، قۇشلار تۇخۇملاشتىن تەخمىنەن بەش سائەت ئىلگىرى، تۇخۇم شاكىلى تۇخۇم نەيچىسى ئىچىدە شەكىللىنىپ بولىدۇ. تۇخۇم ئاستا چۈشۈش جەريانىدا تۇخۇم نەيچىسىدىكى پىگمېنت ھۈجەيرىلىرى توختىماستىن ھەر خىل رەڭدىكى پىگمېنتلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، تۇخۇمنى ئوخشاش بولمىغان نىسبەتتە قاتلاممۇ قاتلام ھەر خىل رەڭلەر بىلەن «بوياپ» چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇخۇم شاكىلىنىڭ ئۈستىدە يەنە كۆرگىلى بولىدىغان بىر قەۋەت قوغداش پەردىسى بولۇپ، مۇشۇ پەردە بولغاچقا، قۇش تۇخۇملىرىنىڭ رەڭگى ۋە ئۇنىڭدىكى ئالىچىپار سىزىقچىلار ئۆچۈپ كەتمەيدۇ.