UyghurWiki
UyghurWikiنەمەباكتېرىيىلىك تولغاق دېگەن نېمە؟

باكتېرىيىلىك تولغاق دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن باكتېرىيىلىك تولغاق قىسقارتىلىپ تولغاق دېيىلىدۇ، بۇ تولغاق تاياقچە باكتېرىيە قوزغايدىغان، دائىم كۆرۈلىدىغان ئۈچەي يوللىرىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە پەيدا بولىۋېرىدۇ. بىراق، ياز پەسلىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۆسمۈرلەردە بۇ خىل كېسەلنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى. بۇ كېسەلنىڭ يۇقۇم مەنبەسى تولغاق كېسەل بىمارلىرى ياكى تولغاق كېسىلىنى ئېلىپ يۈرگەنلەر بولۇپ، ھەزىم قىلىش يوللىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ. تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى چوڭ تەرەت ئارقىلىق چىقىرىلىپ، بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىك ھالدا (چىۋىن ئارقىلىق) يېمەكلىك، ئىچىملىك، قاچا - قۇچا، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە قولغا يۇقىدۇ ئاندىن كېيىن ئېغىز ئارقىلىق ئادەم يۇقۇملىنىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا بۇ خىل كېسەل بىلەن ئوڭاي يۇقۇملىنىدىغانلار بىر ئاز كۆپ بولۇپ، كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئىممۇنىتېت كۈچى بولىدۇ. بىراق، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ داۋاملىشىدىغان ۋاقتى قىسقا، تۇراقسىز بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش بولمىغان باكتېرىيىلەر توپى ۋە قان زەردابى ئوتتۇرىسىدا ئارىلىشىش بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ خىل كېسەل ئوڭايلا قايتا قوزغىلىدۇ ۋە قايتا يۇقۇملىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە