UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئىسسىقتۇتۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئىسسىقتۇتۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش سىستېمىسى تولۇق يېتىلمىگەن، تېرە ئاستى ماي قەۋىتى نېپىز، تېرە يۈزى دائىرىسى چوڭراق، ئاسان ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ. ھەمدە تېمپېراتۇرا بەك تۆۋەن بولغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاتتىق پەردە سىرتىدىكى يىرىڭلىق ئىششىقنى شەكىللەندۈرىدۇ ھەتتا كۆپ ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىدۇ. شۇڭلاشقا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئىسسىق ساقلاشقا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى مۇۋاپىق ئىسسىق ساقلاشتا تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپكە دىققەت قىلىش كېرەك: 1. ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى ئەڭ ياخشىسى 25℃ ~ 20℃ ئارىسىدا، تەملىك دەرىجىسىنى 60%~50%، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى 28℃ ~ 25℃، نەملىك دەرىجىسىنى 65%~55% ئەتراپىدا كونترول قىلىش. 2. ئۆي تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كىيىم ۋە يوتقان، كۆرپىنىڭ قېلىنلىقىنى ئۆزگەرتىش. نورمال ئەھۋالدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار چوڭلارغا قارىغاندا قېلىنراق كىيىنىشى، كەچتە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا بىر لۆڭگە يوتقاننى ئارتۇق يېپىپ قويۇش ياكى نېپىز يوتقان يېپىپ قويۇش كېرەك. 3. بەك ئىسسىق ساقلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش . ئۆي تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى، كىيىم - كېچەك بەك قېلىن بولۇپ كەتسە ھەم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى بەك چىڭ يۆگىۋالسا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتىن تەر كۆپ چىقىپ سۇسىزلىنىشىنى ھەتتا يۇقىرى قىزىتما ياكى دۆلىنىپ قېلىش(تارتىشىش) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە