نېمە ئۈچۈن تەتۈر تۇغۇت ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ساغرا ئالدىن كېلىش ھامىلىدىكى دائىم كۆرۈلىدىغان غەيرىيلىك بولۇپ، پەيدا بولۇش نىسبىتى 4%~3% ئەتراپىغىچە بولىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ، 30 ھەپتە بولۇشتىن ئىلگىرى ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇت نىسبەتەن كۆپ كۆرۈلىدۇ، 30 ھەپتىدىن كېيىن كۆپلىگەن ھامىلە باش ئالدىن كېلىشكە ئۆزگىرىپ، تۇغۇتقا پايدىلىق بولىدۇ. ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇت پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب:
1. ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى ھەرىكەت دائىرىسى چوڭ بولۇپ، باش سۈيى زىيادە كۆپ ياكى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ قورساق قىسمىنىڭ بوشىشى بىلەن ھامىلە بالىياتقۇ بوشلۇقىدا ناھايىتى ئەركىن ھەرىكەت قىلىش سەۋەبى بىلەن ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇت پەيدا بولىدۇ.
2. ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى پائالىيەت دائىرىسى چەكلىمىگە ئۇچرىغان، بالىياتقۇ غەيرىي، ھامىلىمۇ غەيرىي. قوشكېزەك ھامىلىدار بولغان ياكى باش سۈيى زىيادە كۆپ بولۇش قاتارلىقلار بالىياتقۇ بوشلۇقىنىڭ زىيادە كىچىك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىلە پائالىيەت جەريانىدا چەكلىمىگە ئۇچراپ، ناھايىتى ئوڭايلا ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇت پەيدا بولىدۇ.
3. باشنىڭ تۇتىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان، داس سۆڭەكنىڭ تار بولۇشى تۈپەيلىدىن ھامىلە ئورنى ئالدىغا سۈرۈلۈش، بالىياتقۇ مۇسكۇللىرىدا ئۆسمە بولۇش، بالىنىڭ چوڭ تۇغۇلۇشى قاتارلىقلارمۇ ئوڭايلا ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇت پەيدا بولىدۇ.