UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئالەم بوشلۇقى ئېلېكتر ئىستانىسىسى دېگەن نېمە؟

ئالەم بوشلۇقى ئېلېكتر ئىستانىسىسى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىدا قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىش ھېچقاندان قىيىن ئىش ئەمەس. بىز كۆرگەن بەزى ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۇزۇن چىقىپ تۇرغان چوڭ قانىتى دەل قۇياش ئېنېرگىيىسى باتارېيە تاختىسى بولۇپ، ئۇلار قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىسىنى قىسمەن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ توسقۇنلۇقى بولمىغاچقا، قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى يەر يۈزىدىكىدىن كۆپ كۈچلۈك بولىدۇ، ئەگەر ئوخشاش قۇياش ئېنېرگىيىسى باتارېيە تاختىسىدىن پايدىلانغاندا، ئۇنىڭ توك ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى يەر شارىدىكىدىن ئون ھەسسىدىن ئارتۇق يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالەم بوشلۇقىدا كېچە - كۈندۈز دېگەن پەرق بولمايدۇ، تۆت پەسىل، ھاۋا تۇتۇق كۈن، يامغۇرلۇق كۈن دېگەنلەر يوق بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىشقا بولىدىغان ۋاقىتمۇ يەر شارىدىكىدىن كۆپ جىق بولىدۇ. شۇڭا ئالىملار دادىللىق بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا قۇياش ئېنېرگىيىسى ئېلېكتر ئىستانىسىسى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا. ئالىملار ئالەم بوشلۇقى قۇياش ئېنېرگىيىسى ئېلېكتر ئىستانىسىنىڭ ئىككى خىل لايىھىسىنى لايىھىلەپ چىقتى. بىر خىلى، قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشتىن ئىبارەت. يەنە بىر خىلى، ئاي شارىدا قۇياش ئېنېرگىيىسى ئېلېكتر ئىستانىسىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت. مەيلى قايسى خىل ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلسۇن، ئاچقۇچ ئالەم بوشلۇقى ئېلېكتر ئىستانسىسى ھاسىل قىلغان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى يەر شارىغا قانداق يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. ئالىملار، ئالەم بوشلۇقىدىكى قۇياش ئېنېرگىيىسىنى باتارېيە تاختىسى ھاسىل قىلغان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى مىكرو دولقۇن ياكى لازېر نۇرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى يەر شارىغا يوللاشنى، يەر شارىدىكى قوبۇل قىلىش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ بۇ مىكرو دولقۇن ياكى لازېر نۇرىنى قوبۇل قىلىشنى ھەمدە ئۇلارنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇپ، يەر يۈزىدىكى ئېلېكتر تورىغا يوللاشنى تەسەۋۋۇر قىلماقتا. مۇشۇنداق بولغاندا، ئىنسانلار ئالەم بوشلۇقىدىن يېتەرلىك ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئىگە بولۇپ، دۇچ كېلىۋاتقان ئېنېرگىيە كرىزىسىدىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە