UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقانداق قىلغاندا بالىلارنى ئاددىي بولغان بوشلۇق ئۇقۇمىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا بالىلارنى ئاددىي بولغان بوشلۇق ئۇقۇمىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ بوشلۇق سەزگۈسى ئەڭ دەسلەپتە ھەرىكەت سېزىمى ۋە تېگىش سېزىمى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى مېڭىش ۋە تۇتۇپ بېقىش ئارقىلىقلا ئاندىن شەيئىلەرنىڭ ئورنى، ئارىلىقلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئاستا - ئاستا بوشلۇق ئۇقۇمىنى ئىگىلەيدۇ. بوشلۇق سەزگۈ ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى بالىلارنىڭ بوشلۇق مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشىگە ياردەم قىلىدۇ. بالىلارنىڭ بوشلۇق تەسەۋۇرىنى بېيىتىدۇ. بوشلۇق توغرىسىدىكى تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بوشلۇق سەزگۈسىنىڭ تەرەققىياتى نىسپىي ئاستا بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەندىن ئاندىن يۇقىرى - تۆۋەن ئۇقۇمىنى بىلىدۇ. ئۈچ ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئالدى - كەينى ئۇقۇمىنى بىلىدۇ. بىراق ئوڭ - سول تەرەپنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بىر ئاز ناچار بولىدۇ. بوشلۇق سەزگۈسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مەشىق قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: ئەنئەنىۋى مۆكۈ - مۆكۈلەڭ ئويۇنى ئويناش، بالىلارغا تىقىپ قويغان نەرسىنى تاپقۇزۇش دېگەندەكلەر. ئەگەر بالا تاپالىسا، بالىغا ئويۇنچۇقنىڭ قانداق نەرسىنىڭ ئۈستىدە ياكى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقۇزۇش، ئەگەر تاپالمىسا بالىغا ئېيتىپ بېرىپ، بالا بىلەن بىرلىكتە ئىزدىسىمۇ بولىدۇ. يەنە قۇم مودېلىنى تەييارلاش بىلەن بىرگە ئۆي، جوزا - ئورۇندۇق، دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپ، قونچاق، مۈشۈك، ئىت قاتارلىقلارنىڭ كىچىك مودېللىرىنى تەييارلاپ، بالا بىلەن بىرلىكتە تىزسىمۇ بولىدۇ. ئانا بىر تەرەپتىن <كۈچۈك ئۆينىڭ يان تەرىپىدە تۇرىدۇ. قونچاق جوزا ئۈستىدە تۇرىدۇ …> دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ، بىر تەرەپتىن جىسىملارنى رەت بويىچە قويسا بولىدۇ. بالا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئويناش جەريانىدا ئاساسىي بوشلۇق ئۇقۇمىنى چۈشىنىۋالىدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى مۇناسىۋىتى بالىلارنى تەربىيە بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى ماتېرىيال بولۇپ، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بىرلىكتە شەھەر سىرتىغا ياكى باغچىغا بېرىپ، بالىلارنىڭ تەبىئەتتىن كۆپرەك نەرسىنى ئۆگىنىۋېلىشىغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە