UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تىرنىقىنى قانداقئېلىش كېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تىرنىقىنى قانداقئېلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تىرنىقى كۈنىگە 1.0 مىللىمېتىر ئەتراپىدىكى تېزلىك بىلەن ئىنتايىن تېز ئۆسىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆزىنى ۋە ئاتا - ئانىلىرىنى تاتىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن ۋاقتىدا تىرنىقىنى ئېلىپ تۇرۇش كېرەك. بەزى ئاتا - ئانىلار ئىشنى ئازايتىش ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قولىغا پەلەي كىيدۈرۈپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئۇسۇل. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قولى ئىنتايىن تېز مەينەت بولۇپ كېتىپ، ئاسان يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تىرناق ئېلىشتا بوۋاقنىڭ ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىنى تاللاش. بۇنداق قىلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بارمىقىنى كېسىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، قولىنى يۇغاندىن كېيىن تىرناق ئالسا تىرناق سەل يۇمشىغانلىقتىن ئاسانراق ئالغىلى بولىدۇ. تىرناق ئالغاندا تىرناق ئالغۇچ بىلەن بارماق گۆشىنى بېسىپ تۇرۇپ، تىرناقنىڭ تەبىئىي سىزىقىنى بويلاپ ئېلىش، بەك ئىچكىرى ئېلىۋەتمەسلىك، بارماقنىڭ يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر تېرە يارىلىنىپ قالسا پاكىز پاختا پىلتىكۈچتە قاننى سۈرتۈۋېتىپ ئاندىن دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنى سۈرۈپ قويۇش. ئۇنىڭدىن سىرت، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسىنى تاتىلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرناق ئالغاندا يۇمىلاق شەكىلدە ئېلىش، بۈرجەك قالدۇرماسلىق، تىرناق ئەتراپىنىڭ سىلىق بولۇشىغا كاپاتلىك قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە