UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئولتۇرۇش شەكلىدە كۆزى يورۇغاننىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

ئولتۇرۇش شەكلىدە كۆزى يورۇغاننىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ تۇغۇت مەزگىلىدە قوللانغان بەدەن شەكلى ياكى ئورنىدا خىلمۇخىل شەكىلدىكى ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى ۋە قوللاندى. ئەڭ بۇرۇن ئۆرە تۇرۇش، زوڭزىيىش، ئولتۇرۇش، تىزلىنىش قاتارلىق كۆزى يورۇغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئورنى ئولتۇرۇش شەكلىنى قوللىنىپ خاتىرىلەپ كەلدى. بۇ خىل ئورۇننىڭ ئالاھىدىلىكى: ھامىلە ئوق سىزىق ياكى تەكشى شەكىلدە چۈشىدۇ. كۆزى يورۇغان ۋاقىتتا تۇغۇتلۇق ئاياللار ئائىلە سايمانلىرى، كارىۋات جازىسى قاتارلىقلارنى تۇتۇۋالاتتى ياكى باشقىلارغا يۆلىنىۋالاتتى. 17 - ئەسىردە فرانسىيە دوختۇرلىرى تۇغۇت قىسقۇچى ئارقىلىق قىيىن تۇغۇتنى بىر تەرەپ قىلىشنى ياراتتى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن بەدەن مەست بولغاندا بوشىنىدىغان بولدى. بۇنىڭدا ياتقان ھالەتتىكى تۇغۇت شەكلى دائىم كۆرۈلىدىغان شەكىل بولۇپ قالدى، كېيىن تۇغۇت ۋاقتىدا پۈتۈن بەدەننى مەست قىلىشنى تۈگەتتى. بىراق ياتقان ھالەتتىكى تۇغۇت شەكلى تا ھازىرغىچە يوقالغىنى يوق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كونا شەكىلدىكى تۇغۇت شەكلىگە كۆز تىكتى. تۇرۇش ۋە ئولتۇرۇش شەكىلدىكى تۇغۇت بىلەن تۈز شەكلىدىكى تۇتۇشنى بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى ۋە تۇغۇت جەريانىنى قىسقارتىشقا پايدىلىق ئىكەن دەپ قارىدى. تۇغۇتلۇق ئاياللارمۇ بىر ئاز يېنىك ھېس قىلدى، ئەگەر كىندىك چۈشۈپ كېتىش خەتىرى بولسا، قاتتىق نازارەت قىلغان ئاساستا شەكىلدىكى تۇغۇتنى قوللانسا ھامىلىگە ھېچقانداق خەتىرى يوق. نۇرغۇنلىغان ئالىملار تۇرۇش شەكىلدىكى، ئولتۇرۇش شەكىلدىكى تۇغۇتنىڭ پايدىسىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن مۇشۇ ئۇسۇلنى تەشەببۇس قىلدى. جۇڭگودا بىر قىسىم دوختۇرخانىدا ئەنئەنىۋى تۇغۇت شەكلىنى سىناق قىلىپ قوللاندى
← بارلىق تېمىلار نەمە