UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن قومۇش شېكىرىنى ساپ ئىسسىقلىق يېمەكلىك دەيمىز؟

نېمە ئۈچۈن قومۇش شېكىرىنى ساپ ئىسسىقلىق يېمەكلىك دەيمىز؟

نېمە ئۈچۈن بىز دەۋاتقان قومۇش شېكىرى ئادەتتىكى ئاق شېكەرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىرخىل ساپ ئىسسىق يېمەكلىك بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، ھېچقانداق ئوزۇقلۇق ماددا بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمەيدۇ. قومۇش شېكىرىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى بىرلا خىل ئەمەس، بىز ئادەتتە ئىستېمال قىلىۋاتقان يېمەكلىكنىڭ كۆپىنچىسى خىلمۇخىل ئوزۇقلۇقلاردىن تەركىب تاپقان، مەسىلەن: دانلىق زىرائەت تۈرلىرىدە كراخمالدىن باشقا، يەنە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ئۆسۈملۈك تالاسى ۋە ئاقسىل بار. ئۇنىڭدىن باشقا گۈرۈچنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B6 ۋە كالتسىي، فوسفور قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بار. شۇڭا، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقى يېتەرلىك، تەڭپۇڭ بولسا، قومۇش شېكىرى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلمىسىمۇ بولىدۇ. بولۇپمۇ بىر ئاز سېمىز بالىلار تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك، ئادەتتە بالىلارنىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلىدىغان قومۇش شېكىرىنىڭ مىقدارى 15 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بىراق بالىلار قارا شېكەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ھەم ۋىتامىن B2، كاروتىن، كالتسىي، سىنك، تۆمۈر قاتارلىقلارنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە