بوۋاقلارنىڭ بىرەر نەرسىنى دورىشىنىڭ قانداق مەنىسى بار؟
نېمە ئۈچۈن
دوراش ھەرىكىتى بوۋاقلار يېرىم ياشقا كىرگەندىن كېيىن كۆرۈنەرلىك ھالدا تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ ھەم ئۆگىنىشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەتتە - سەككىز ئايلىق بولغان بوۋاقلار ئەتراپتىكى ھەرىكەتلەرگە دىققەت قىلىشقا ۋە دوراشقا باشلايدۇ. مەسىلەن: بىر قىسىم ئاۋاز ۋە ئۆزلىرىنى دوراپ بېقىشقا ئۇرۇنۇپ، <دادا، ئاپا> دەپ چاقىرالايدۇ، كۆزىنى چىمچىقلىتالايدۇ، ئويۇنچۇقلىرىنى چېلىپ ئوينىيالايدۇ ھەم يەنە چوڭلارنىڭ يۆنىلىشىنى دوراپ، بەزىبىر ئېملىق سۆزلەرنى قىلالايدۇ. ئون ئايلىق بولغان بالىلار <چاۋاك چېلىش> <قولىنى پۇلاڭلىتىش> ۋە <خوش> دېگەندەك ئىش - ھەرىكەتلەرنى دورىيالايدۇ. 11 ئايلىق بولغان بوۋاقلار چوڭلارنىڭ ھەرىكىتىنى بىۋاسىتە دورىيالايدۇ. شۇنداقلا بىر قىسىم ئادەم ۋە شەيئىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى دورىيالايدۇ. مەسىلەن: دادىسىنىڭ ئاچچىقلانغان، ئىتنىڭ ھاۋشىغان، مۈشۈكنىڭ مىياڭلىغان ئاۋازىنى دورىيالايدۇ. دوراش ئارقىلىق گەپ قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. ئاپىسىنىڭ ياغلىق چىگىشىنى كۆرسە، بىر گۈللۈك رەختنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بېشىغا ياپىدۇ. چوڭلار جوزىنى سۈرتسە، ئۇمۇ بىر كىچىك لاتىنى ئېلىپ دوراپ سۈرتىدۇ. بىر ياشقا كىرگەن بالىلارنىڭ دوراش ھەرىكىتى ئىنتايىن تەپسىلىي ۋە ئېنىق بولىدۇ. بىز بالىلارنىڭ دوراشتىن ئىبارەت پسىخىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئاڭلىق، مەقسەتلىك ھالدا تەربىيە ئېلىپ بېرىشىمىز، ئۇنىڭغا گەپ قىلىش، شەيئىلەرنى تونۇشنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك. بالىلارنىڭ دوراش ھەرىكىتىگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بېرىش، بالىلار ناھايىتى ياخشى دورىغان بولسا، ئۇنى ماختاش، سۆيۈپ قويۇش. ئەگەر دورىيالمىغان بولسا، بېشىنى چايقاپ، قولى بىلەن ئىنكار مەنىسىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا قايتا - قايتا مەشىق قىلدۇرۇش، ئەڭ ئاخىرىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ماختاش كېرەك.