UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئادەم تېنىدىكى <ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددا> قايسى؟

ئادەم تېنىدىكى <ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددا> قايسى؟

نېمە ئۈچۈن ئادەم تېنى ھەر كۈنى يېمەكلىكتىن ئېھتىياجلىق بولغان، ھەرىكىتىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىپ، بەدەننىڭ فىزىئولوگىيىلىك ھەرىكىتىنى قامدايدۇ. ئادەم تېنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن ئاقسىل، ماي، كاربون سۇ بىرىكمىسى، ئانئورگانىك تۇز، ۋىتامىن، سۇ، تاماق تالالىرى قاتارلىق يەتتە خىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاقسىل، ماي، كاربون - سۇ بىرىكمىسى ئادەم تېنىنى ئاساسلىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن يەنە <ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددا> دېيىلىدۇ. ئاقسىل بولسا توقۇلما، ئەزالارنى ھاسىل قىلىدىغان ئاساسلىق ماددا، ھاياتىي ئاكتىپچانلىققا كاپالەتلىك قىلغۇچى ئاساسلىق تەركىب. سۇدىن قالسىلا ئادەم تېنى ئېغىرلىقىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگىلەيدۇ. ياغ ھايۋانات يېغى ۋە ئۆسۈملۈك يېغى دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئادەم بەدىنىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ بىرى. كاربون - سۇ بىرىكمىلىرى يەنە ساخارىدلار دېيىلىپ، ھەزىم قىلىنىشى تېز شۇنداقلا ئادەم بەدىنى ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان بولۇپ، ئادەم تېنىنىڭ ھەرىكىتى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى. شۇنداقلا ساخارىدلار ئادەم تېنىگە كىرگەندىن كېيىن پۈتۈنلەي <كۆيۈپ>، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ۋە سۇنى ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تېجەشلىك ئوزۇقلۇق ماددا.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئادەم تېنىدىكى <ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددا> قايسى؟ | UyghurWiki | UyghurWiki