UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقۇياش قانداق بارلىققا كەلگەن؟

قۇياش قانداق بارلىققا كەلگەن؟

نېمە ئۈچۈن قۇياش بىز ياشاۋاتقان يەر شارىغا ئەڭ يېقىن بىر تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، ئۇ تارقاتقان يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق يەر شارىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ئۆسۈشىنى قامدايدۇ. قۇياش بولمىغان بولسا، يەر شارى قاراڭغۇ ھەم سوغۇق بىر دۇنياغا ئايلىنىپ قالغان، يەر شارىدىكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ۋە ئىنسانلار ياشاشقا ئامالسىز قالغان بولاتتى. ئۇنداقتا، قۇياش قاچان، قانداق بارلىققا كەلگەن؟ تەخمىنەن 5 مىليار يىل ئىلگىرى، سامانيولى سىستېمىسىدىكى غايەت زور يۇلتۇزلار ئارا بۇلۇت پارچىلىنىپ، نۇرغۇن كىچىك تۇمانلىقلار شەكىللەنگەن. بۇ كىچىك تۇمانلىقلار گوياكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ <بۆشۈكى> گە ئوخشاش، ساناقسىز تۇرغۇن يۇلتۇز <بوۋاق> لارنى بېقىپ ئۆستۈرگەن، يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر كىچىك تۇمانلىق قۇياشنى بېقىپ ئۆستۈرگەن. بۇ كىچىك تۇمانلىقنىڭ ھەجىمى ھازىرقى قۇياش سىستېمىسىڭكىدىنمۇ بىر قاچە ئون مىڭ ھەسسە چوڭ بولۇپ، ئاسترونوملار ئۇنى <ئىپتىدائىي تۇمانلىق> دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئىپتىدائىي تۇمانلىق تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە قۇرۇلغان، چۆرگىلىگەن، بۇ جەرياندا تېمپېراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن. كېيىن، بۇ ئىپتىدائىي تۇمانلىقتىكى كۆپ قېتىم ماددىلار بارا - بارا ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىلغان، بۇ يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ ھەممىدىن يۇقىرى بولغان، نەتىجىدە قۇياش مانا مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەن. ھازىر ئالىملار قۇياش ماسسىسىنىڭ تەخمىنەن 2 × 10 نىڭ 27 ىنچى دەرىجىسى توننا بولۇپ، پۈتكۈل قۇياش سىستېمىسىنىڭكىنىڭ تەخمىنەن 99.9 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتى. قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەرمۇ ئاشۇ چاغدا شەكىللەنگەن. تۇمانلىق قۇرۇلۇش داۋامىدا، ئەتراپىدىكى ماددىلار ئۆز ئارا تارتىشقان، سوقۇلغان، بەزىدە چوڭراق كاللەك بولۇپ ئۇيۇشۇپ، <سەييارىچاق> لارنى شەكىللەندۈرگەن. چوڭراق سەييارىچاقلار تەدرىجىي ھالدا ئۆزگىرىپ يەر شارىغا ئوخشاش سەييارىلەرگە ئايلانغان.
← بارلىق تېمىلار نەمە
قۇياش قانداق بارلىققا كەلگەن؟ | UyghurWiki | UyghurWiki