UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تېتانۇسنىڭ سەۋەبى نېمە؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تېتانۇسنىڭ سەۋەبى نېمە؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تېتانۇس يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىدىكى بىر خىلى ئالاھىدە جىددىي خاراكتېرلىك تارقىلىشچان كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە <بوۋاقلار قاتما كېسىلى> دېيىلىدۇ. كونىچە ئۇسۇلدا تۇغدۇرۇش، دېزىنفېكسىيىسىز تۇغدۇرۇش ئۇسۇلىدا تۇغدۇرۇلغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەل بىر خىل ئوكسىگېندىن قاچقۇچى تاياقچە باكتېرىيە (تېتانۇس تاياقچە باكتېرىيىسى) دىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان، بۇ باكتېرىيىنى يۇقىرى بېسىمدا دېزىنفېكسىيىلەش ئارقىلىقلا ئۆلتۈرۈپ يوقاتقىلى بولىدۇ. تېتانۇس تاياقچە باكتېرىيىسى ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئۈچىيىدە پارازىتلىق ياشايدۇ. ساغلام ئادەملەرنىڭ تەرىتىدىمۇ بايقىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن يەر يۈزى ۋە توپىلارغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئاسانلا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. باكتېرىيە ئاساسلىقى كىندىكنىڭ قالدۇقى ئارقىلىق يۇقۇملاندۇرىدۇ. كىندىك كېسىدىغان قايچا ياكى ئورايدىغان داكا پاكىز بولمىسىلا يۇقۇملىنىش ئېمكانىيىتى بار. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغما ئېممۇنىتېت كۈچى بولمىغاچقا، ئاسانلا كېسەللىنىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تېتانۇسنىڭ سەۋەبى نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki