نېمە ئۈچۈن ئاپتوماتىك كىرئالغۇ كىيىمنى پاكىز يۇيالايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئائىلىدە ئاپتوماتىك كىرئالغۇ بولسا، كىيىمنى ھەم ئاسان، ھەم تېز يۇغىلى بولىدۇ؛ كىيىمنى كىرئالغۇ سېلىپ، سوپۇن پاراشوكى قۇيۇپ، كۇنۇپكىنى بېسىپ قويساقلا يېرىم سائەتتىن كېيىن، كىرئالغۇ كىيىم - كېچەكلەرنى پاكىز يۇيۇپ بولىدۇ.
كىيىمنى پاكىز يۇيۇش ئۈچۈن ئاۋۋال سوپۇندا يۇيۇپ ئاندىن سۇ بىلەن چايقاپ، ئاخىرىدا قۇرۇتۇش لازىم. ئاپتوماتىك كىرئالغۇ بۇ ئۈچ قەدەمنى ئاپتوماتىك تاماملىيالايدۇ، ئارىلىقتا، ئۇنىڭغا <ئارىلىشىش> ھاجەتسىز. چۈنكى، ئاپتوماتىك كىرئالغۇغا مىكرو كومپيۇتېر ئورنىتىلغان. بۇ خىل مىكرو كومپيۇتېرنىڭ ھەجىمى كىچىك بولۇپ، سەرەڭگە قېپىچىلىكلا بولىدۇ. ئەمما، ئۇ قوماندانلىق بۆلۈمىگە ئوخشاش، پات - پات كىرئالغۇغا بۇيرۇق بېرىپ كىر يۇيۇش قەدەم - باسقۇچىنى بىر - بىرلەپ تاماملايدۇ.
كىر يۇيۇپ باققانلارغا مەلۇمكى، ئوخشاش بولمىغان رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەرنى يۇيۇش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاشمايدۇ. مەسىلەن، يۇڭ كىيىملەر بوش، پاختا رەخت كىيىملەر كۈچەپ يۇيۇلىدۇ؛ ئانچە مەينەت بولمىغان كىيىملەرنى ئازراق، بەك پاسكىنا كىيىملەرنى ئۇزاقراق يۇيۇشقا توغرا كېلىدۇ. كىرئالغۇنى لايىھىلىگەندە لايىھىلىگۈچى بۇ تەلەپلەرنى پروگرامما قىلىپ تۈزۈپ، كىرئالغۇدىكى مىكرو كومپيۇتېرغا كىرگۈزگەن، ئاندىن كېيىن، كىرئالغۇنىڭ سىرتىغا بىر قاتار كونترول كۇنۇپكىسىنى ئورناتقان. كىر يۇغاندا، كىيىمنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، يۇيۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ، ماس كۇنۇپكىنى بېسىپ قويساقلا، مىكرو كومپيۇتېر كىرئالغۇنىڭ كىيىم - كېچەكلەرنى پاكىز يۇيۇشقا <قوماندانلىق> قىلىدۇ.