UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاساسەن تۆرەلمە مەزگىلىدە بالا ھەمراھى ئارقىلىق ئانا تېنىدىن ئېرىشكەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوغۇز سۈتى ھەم ئانا سۈتى ئارقىلىق زۆرۈر بولغان ئىممۇنىتېتلىق ماددىلارغا ئېرىشىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئانا تېنىدىن ئانتىتېلاغا ئېرىشكەنلىكتىن قىزىل، يەلتاشما، بوغما قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بۇ خىلدىكى جىددىي خاراكتېرلىك نەپەسلىنىش يول كېسەللىكلىرى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ. لېكىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن، ئىممۇنىتېت كۈچى نىسبەتەن تۆۋەن. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرە سىرتقى قەۋىتى نېپىز يۇمشاق بولغانلىقتىن ئاسانلا سۈرۈلۈپ يارىلىنىشتىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوۋاقلارنىڭ كىندىكى ئوچۇق يارا ئېغىزى بولغانلىقتىن باكتېرىيىلەر بۇ يەردە كۆپىيىپ قانغا ئۆتىدۇ. قان زەردابىدا كومپلېمېنت مىقدارى تۆۋەن، ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارى ناچار بولغانلىقتىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئاسانلا ھەرخىل يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بوۋاق يېڭى تۇغۇلغان مەزگىلدە ئىنچىكىلىك بىلەن خەۋەر ئېلىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە