UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيۇمشاق ماتېرىيال ۋە قاتتىق ماتېرىيال دېگەن نېمە؟

يۇمشاق ماتېرىيال ۋە قاتتىق ماتېرىيال دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېرنىڭ <بەش چوڭ قىسمى> - ساقلىغۇچ، ھېسابلىغۇچ، كونتروللىغۇچ، كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى ۋە چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ھەممىسى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئېلېكتر ئۆزەك، توك يولى تاختىسى، مېخانىزم ۋە ئېلېكتر ئەسۋابلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ <قاتتىق ماتېرىيال> دەپ ئاتىلىدۇ؛ كومپيۇتېرنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدىغان، ئىشلەش يوللىرىنى كۆرسىتىدىغان بىر قاتار بۇيرۇقلار ھەمدە مۇناسىۋەتلىك يېزىق ماتېرىياللىرى، مەسىلەن، چۈشەندۈرۈش، ئابۇنچىلار قوللانمىسى قاتارلىقلار <يۇمشاق ماتېرىيال> دەپ ئاتىىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ يۇمشاق ماتېرىيالى بىر قانچە خىل بولىدۇ: بەزىلىرى قاتتىق ماتېرىياللارنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ ياكى قاتتىق ماتېرىيال بىلەن يۇمشاق ماتېرىيالنى تېخىمۇ ياخشى ماسلىققا ئىگە قىلىدۇ، بۇنداق يۇمشاق ماتېرىيال <سىستېما يۇمشاق ماتېرىيالى> دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرى ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ياردەم قىلىدۇ، مەسىلەن، ھېسابلاش، مالىيە باشقۇرۇش، رەسىم سىزىش، ئويۇن ئويناش قاتارلىقلار. بۇنداق يۇمشاق ماتېرىيال <ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يۇمشاق ماتېرىيال> دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرى <مەخسۇس تەرجىمان> بولۇپ، تۈزۈلگەن پروگراممىلارنى كومپيۇتېر ئوقۇيالايدىغان، چۈشىنەلەيدىغان بۇيرۇققا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ، بۇنداق يۇمشاق ماتېرىياللار <تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىش يۇمشاق ماتېرىيالى> دەپ ئاتىلىدۇ. بارلىق يۇمشاق ماتېرىياللار ئاۋۋال تۈزۈلۈپ، ئاندىن كېيىن كومپيوتېرغا قاچىلىنىدۇ. تۈرلۈك يۇمشاق ماتېرىياللار ھەم ئىش تەقسىماتى ئايرىلغان، ھەم ئۆز ئارا ھەمكارلاشقان ئاساستا كومپيۇتېردا ئۆز رولىنى ئورتاق جارى قىلدۇرىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ <ئەقىل - پاراستى>نى ئىشلىتىپ تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن، پەقەت قاتتىق ماتېرىياللا بولۇپ، يۇمشاق ماتېرىيال بولمىسا بولمايدۇ. ئەگەر كومپيۇتېرنى ئادەمگە ئوخشاتساق، ئۇنداقتا، قاتتىق ماتېرىيال ئۇنىڭ گەۋدىسى، يۇمشاق ماتېرىيال بولسا، ئۇنىڭ ئىدىيىسىدۇر، مۇشۇ ئىككىسى تولۇق ھازىرلانغاندىلا، ئاندىن كومپيۇتېر نورمال خىزمەت قىلالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە