UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكۆزى يورۇش مەزگىلىدىكى ئاغرىقنى قانداق يېنىلكلەتكىلى بولىدۇ؟

كۆزى يورۇش مەزگىلىدىكى ئاغرىقنى قانداق يېنىلكلەتكىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۆزى يورىغان ۋاقىتتا بالىياتقۇدىكى مۇسكۇللار دەۋرىيلىك ھالدا قايتىدىن تارىيىش ۋە بوشاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارىدۇ، بالىياتقۇنىڭ بۇ خىل تارىيىشى تېبابەتتە كالتە تولغاق دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇسكۇل فىزىئولوگىيىلىك تارايغاندا، ئۇنچىۋالا قاتتىق ئاغرىق پەيدا بولمايدۇ. پەقەت ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىق تارىيىپ، پۈتۈنلەي بوشىشالمىسا، قان ئازلىق ياكى قاتتىق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىرىنچى باسقۇچتا (بالىياتقۇ ئېغىزى 10 سانتىمېتىر ئېچىلغاندا) يېنىك ھالدا بوشاشقان قىياپەت بولىدۇ ۋە جىددىيلىشىدۇ. بالىياتقۇ بىر تارايغاندا بالىياتقۇ ئىچىدىكى بېسىم يۇقىرى ئۆرلەپ، بالىياتقۇ بوينى ۋە بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى ئېچىلىدۇ. بالىياتقۇ بوينىدىكى نېرۋىغا بېسىم چۈشۈرۈپ، قاتتىق ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئەگەر جىددىيلىشىپ كەتسە، قورساق كۈچەپ كېتىپ، بالىياتقۇ ئەتراپىدىكى نېرۋىلارمۇ جىددىيلىشىپ، ناھايىتى چوڭ كۈچنى قوبۇل قىلىپ، قاتتىق ئاغرىيدۇ. بۇ باسقۇچتا ئەڭ يېنىك قىياپەت بىلەن زوڭزىيىش ياكى يېتىپ ئارام ئېلىپ، بەدندىكى جىددىيلىشىشنى يوقىتىش كېرەك. ئەگەر بارغانسېرى قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا، بۇ بارغانسېرى جىددىيلەشكەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، تۇغۇتقا ياردەم بېرىدىغان قوشۇمچە ھەرىكەتلەرنى (چوڭقۇر نەپەسلىنىش، ئۇۋۇلاش، بېسىش) ئېلىپ بېرىپ، ئاغرىقنى ئاستا - ئاستا پەسەيتىش. ئىككىنچى باسقۇچتا (ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن توختايدۇ) بالىياتقۇ بوينىنىڭ تارىيىشى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاغرىقمۇ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. ھەربىر ئاغرىق ئارىلىقى ئىككى مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە بولىدۇ، ھەر قېتىم 40 سىكۇنتتىن 60 سىكۇنتقىچە داۋاملىشىدۇ. ھامىلە بىر تەرەپتىن ئۆرۈلۈپ ھەرىكەت قىلسا، بىر تەرەپتىن تۇغۇت يولى سىلىقلىشىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي باش سۈيى يېرىلىپ، بالىياتقۇ بوينىنىڭ تارىيىشى بىلەن ھامىلە بېسىمغا ئۇچرايدۇ. يەنە داس سۆڭەكنىڭ تۆۋەنكى قىسمى، سىرتقى جىنسىي ئەزا قىسمى ۋە چاتىراق قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدۇ، ئاقىۋەتتە بالىياتقۇ بوينى ۋە داس بوشلۇقى قاتارلىق ئورۇنلاردا قاتتىق ئاغرىق پەيدا بولىدۇ. بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىغا ئەگىشىپ، قورساق قىسمىدا كۈچەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تۇغۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش ۋە ئاغرىقنى پەسەيتىش، تۇغۇتقا ياردەم قىلىدىغان قوشۇمچە ھەرىكەتلەر (كۈچەش، ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش، چوڭقۇر نەپەسلىنىش) سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ. ھازىر دورا ئۆسۈملۈكلىرى ياكى ئومۇرتقا ئۈستىدىن مەست قىلىش ئارقىلىقمۇ ئاغرىقنى پەسەيتىدىغان بولدى.
← بارلىق تېمىلار نەمە
كۆزى يورۇش مەزگىلىدىكى ئاغرىقنى قانداق يېنىلكلەتكىلى بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki