UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىشنىڭ قانداق ئالدىئېلىنىدۇ؟

يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىشنىڭ قانداق ئالدىئېلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا ئىمكانقەدەر بوۋاق - گۆدەكلىك مەزگىلىدە ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەل يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئازايتىش. بۇ بوۋاق - گۆدەكلەرنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن ياخشى بولغان يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق يېتەرلىك ھەم تولۇق بولغان ئوزۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قېلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۈستۈنكى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل ئوچىقىنى تازىلاش قاتارلىقلار. ئاندىن ئەگەر بەك يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىش يۈز بەرگەن بوۋاقلار قايتا قىزىپ قالسا ۋاقتىدا قىزىتما قايتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش، مەسىلەن: ئىلمان سۇدا بەدىنىنى سۈرتۈش، تېمپېراتۇرىسى 38℃ قا چىققان ھامان قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى بىلەن قىزىتمىنى قايتۇرۇش. ئۇنىڭدىن قالسا، خەتەرلىك ئامىل قايتا قوزغالغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، ئەگەر بىرىنچى قېتىم قوزغالغاندىكى يېشى 15 ئايلىقتىن تۆۋەن، يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىش ياكى تۇتقاقلىق تۈرىدىكىلەر بولغانلىق تارىخى بارلار قاتارلىقلار ياكى قايتا - قايتا قىزىتمىلىق تارتىشىش بولغۇچىلارغا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئارىلاپ - ئارىلاپ ياكى ئۇزۇن مەزگىل تارتىشىشنى توختىتىش دورىسى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىشنىڭ قانداق ئالدىئېلىنىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki