بالا ئۈچۈن سۈتنى قانداق غەملەش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئانا سۈتىنىڭ قىممىتىگە ھېچنېمە توغرا كەلمەيدۇ، ئانا بالىسىدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا ئىقتىدارىنىڭ يېتىشىچە بالىغا يېتەرلىك سۈت بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا سۈتنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا قانداق ساقلاپ بېرىش ھەم ئۆيىدىكىلەرنىڭ بۇ قالدۇرۇپ قويغان سۈتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى تونۇشى قاتارلىقلار. ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ئىشلىتىدىغان سۈتنى سوغۇق ساقلاش ئورنىغا قويۇش كېرەك. ئەگەر ئۇزۇنراق ساقلايدىغان ئىش بولسا توڭلاتقۇغا سېلىپ، تېمپېراتۇرىسىنى ئادەتتە 12℃ تىن تۆۋەن قىلىپ، تۆت ئاي مۇزلاتسا بولىدۇ. يالغۇز توڭلاتقۇنىڭ ئىچىدىلا (باشقا نەرسىلەر ئارىلىشىپ قالسا بولمايدۇ) ئالتە ئايدىن ئۇزۇنراق ساقلىغىلى بولىدۇ، سۈت ئاۋۋال نورمال تېمپېراتۇرىغىچە سوۋۇغاندىن كېيىن ئاندىن مۇزلىتىش كېرەك. ساغقان سۈت پاكىز ئەسۋابتا ساقلىنىشى، ئەگەر دېزىنفېكسىيىلىنىپ بولغان سۈت بوتۇلكىسى بولسا كۈندە باشقا بىر ئەسۋاب ئىشلىتىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر سوغۇق ساقلانغان سۈت بىلەن مۇزلىتىلغان سۈت بىر يەردە تۇسا، يېڭى قوشۇلغىنى توڭلىتىلغان سۈتتىن ئاز بولۇشى كېرەك. بولمىسا مۇزلىتىپ بولغان سۈت يېڭى سۈت تەسىرىدىن ئېرىپ كېتىدۇ. قاچىنى بەك زىچ قويماسلىق، ئاغزىنى پۇختا ئېتىپ، بەك مۇزلاپ كېتىشتىن يېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئانا ساغقان سۈتنى بىرقانچە قاچىغا بۆلۈپ ساقلىسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۆيدىكىلەر بالىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېرىدۇ. سۈتمۇ زايە بولمايدۇ شۇنداقلا قاچا ئۈستىگە سۈتنى ساغقان ۋاقىتنى يېزىپ قالدۇرۇشى كېرەك.