نېمە ئۈچۈن تەركىبىدە سۈنئىي پىگمېنت بار يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
رەڭدار يېمەكلىكلەر ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن يېمەكلىكلەرگە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھەر خىل سۈنئىي پىگمېنتلار قوشۇلغان بولىدۇ. ئەمما، ئوزۇشۇناسلار كىشىلەرنىڭ تەركىبىدە سۈنئىي پىگمېنت بار يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى تەشەببۇس قىلىدۇ.
قەدىمكى زامانلاردىلا ئادەملەر يېمەكلىكلەرگە پىگمېنت قوشقان. ئۇ تەبىئىي پىگمېنت بولۇپ، ئاساسلىقى مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتاتلاردىن ئېلىنغان، ئادەمگە زىيان قىلمايدۇ، بەزىلىرى تېخى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە. ئەمما، تەبىئىي پىگمېنتنىڭ خاراكتېرى مۇقىم ئەمەس، نۇر، ئىسسىقلىق ياكى باكتېرىيىنىڭ تەسىرىدە ئوڭايلا سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا رەڭگى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. كېيىن ئادەملەر كوكۇس مېيىدىن بىرىكمە پىگمېنت ئىشلەپ چىقاردى، ئۇنىڭ رەڭگى تەبىئىي پىگمېتنىڭكىدىن ئوچۇق، ئوڭاي ئىچىدۇ، مۇقىملىقى تېخىمۇ ياخشى، مۇقىملىقى تېخىمۇ ياخشى، ئېرىتىش ۋە قوشۇش ئاسان ھەمدە تەننەرخى تۆۋەن، شۇڭا، بىر مەھەل تەبىئىي پىگمېنتنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، يېمەكلىكلەرگە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى.
لېكىن، ئامېرىكىدا بىر قىسىم بالىلار بىرىكمە پىگمېنت بىلەن رەڭ بېرىلگەن ئاتقان قوناقنى يەپ ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن، كىشىلەر سۈنئىي بىرىكمە پىگمېنتنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنپ يەتتى. ئالىملارمۇ تەتقىق قىلىش، ئۆلچەش ئارقىلىق كۆپلىگەن بىرىكمە پىگمېنتتا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددا بارلىقىنى بايقىدى. مەسىلەن، قىزىل پىگمېنت قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت يېگەندە تۆرەلمە تۇغما كەمتۈك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھازىر، نۇرغۇن دۆلەتلەر بىرىكمە پىگمېنتنى ئىشلىتىشكە چەك قويدى. مەملىكىتىمىزدە سەككىز خىل بىرىكمە پىگمېنتنى يېمەكلىكلەرگە ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى توغرىسىدا قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.