UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن نىل دەرياسى سۈيىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن نىل دەرياسى سۈيىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن نىل دەرياسى دۇنيادىكى ئىككىنچى ئۇزۇن دەريا، ئۇ ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن باشلىنىپ ئاخىرى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. قىزىقارلىقى شۇكى، نىل دەرياسى سۈيىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان دەريا، بىر يىلدا دەريا سۈيى سۈزۈكلۈكتىن ئاستا - ئاستا يېشىللىققا ئۆزگىرىدۇ، ئارقىدىنلا قىزغۇچ تۈس ئالىدۇ، ئاخىرى يەنە ئاستا - ئاستا ئەسلىدىكى سۈزۈك ھالىتىگە قايتىپ كېلىدۇ. نېمە سەۋەبتىن شۇنداق بولىدۇ؟ ئەسلىدە، نىل دەرياسى ئىككى ئاساسلىق ئېقىن مەنبەسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئاق نىل دەرياسى دەپ ئاتالسا، يەنە بىرى يېشىل نىل دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەنبەسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئوگاندا بىلەن ئېفىئوپىيىدىن باشلانغان. ھەر يىلى 2 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، نىل دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىنىدا سۇ تارتىلىدىغان مەزگىل، بۇ چاغدا دەريا سۈيى سۈزۈك بولىدۇ، 6 - ئايغا كەلگەندە، نىل دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىنىدىن قومۇش، ياۋا ئوتلار لەيلەپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دەريا سۈيى يېشىل تۈس ئالىدۇ. 7 - ئايغا كەلگەندە، نىل دەرياسىنىڭ سۈيى ئېفىئوپىيە تاغلىرىدىكى قارلارنىڭ ئېرىشى تۈپەيلىدىن شىددەتلىك ھالدا ئۇلغىيىدۇ، نۇرغۇن لاي - قۇم ئېقىپ كېلىپ دەريا سۈيىنى سۇس قىزغۇچ رەڭگە ئۆزگەرتىدۇ؛ 9 - ئايغا كەلگەندە، پۈتكۈل نىل دەرياسىنىڭ سۈيى قىزغۇچ تۈس ئالىدۇ، 11 - ئايدىن ئۆتكەندە نىل دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىنىدا سۇ ئورنى تۆۋەنلىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ سۈيىدىكى قىزغۇچ رەڭ ئاستا - ئاستا يوقىلىپ، يەنە سۈزۈلۈپ دەريا تېگىنى كۆرگىلى بولىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. نىل دەرياسى قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ مەنبەسى، بىر قانچە مىڭ يىلدىن بۇيان، نىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش ۋە تېرىقچىلىق ئىشلىرى دەريا سۈيىنىڭ رەڭگى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلگەن. كىشىلەر نىل دەرياسى سۈيىنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرگەندە دەريا سۈيىنىڭ مىقدارى ۋە يۆنىلىشىنى بىلىپ، ۋاقتىدا كەلكۈن ئاپىتىدىن ساقلىنىدۇ ياكى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يەر ئاغدۇرۇپ تېرىقچىلىق قىلىدۇ، شۇڭا نىل دەرياسى ۋادىسىدىكى يەرلەر مۇنبەت <گۆھەر زېمىن> غا ئايلانغان.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن نىل دەرياسى سۈيىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki