بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ تەپەككۇرىدا قانداق ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بىر ياشتىكى بالىلارنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتىدە دەسلەپكى يىغىنچاقلىنىش ۋە [HJ55x]خۇلاسە مەيدانىغا كېلىدۇ. بىراق تەپەككۇرى بۇرۇنقىدەكلا كونكرېت بولۇپ، مۇئەييەن ھەرىكەتكە تايىنىشقا موھتاج بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى ھەرىكەتتە مۇئەييەن مەقسەت ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئائىلە باشلىقى بالا ئامراق بولغان ئويۇنچۇقنى گىلەم ئۈستىگە قويۇپ باقسا، بىراق بالىنىڭ قولى يەتمىسە، بالا گىلەمنى ئالدىغا تارتىپ، ئويۇنچۇقنى ئالىدۇ. بالىنىڭ بۇ ھەرىكىتى مەلۇم مەقسەتنى ئاساس قىلغان. بۇ بالىنىڭ ھەرىكىتىدە مۇئەييەن ئەقىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇلار بەدەن ۋە سىرتتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانىنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى بىر قىسىم ئويۇنلارنى تەشكىللەپ، بالىنىڭ مەلۇم ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتەلەيدىغان - يېتەلمەيدىغانلىقىغا قاراپ بېقىش. مەسىلەن: بالا ياخشى كۆرىدىغان بېرەر ئويۇنچۇققا يىپ چىگىپ قويۇپ، ئويۇنچۇقنى بالىنىڭ قولى يەتمەيدىغانراق يەرگە قويۇپ، بالىنىڭ يىپنى تارتىپ ئويۇنچۇقنى يېنىغا ئەكىلەلەيدىغان ياكى ئەكىلەلمەيدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. بىر ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭ بۇ توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى بىر ئاز تۇتۇق. ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئويۇنچۇق ماشىنىسىنى ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭغا <ماشنا> دېيىشنى ئۆگەتسىڭىز، ئۇ پەقەت ئويۇنچۇق ماشىنىلار ماشىنا دەپ باشقا ماشىنىلارنى ماشىنا دەپ تونۇمايدۇ. ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن شەيئىەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يىغىنچاقلاپ، ئوخشاش بولمىغان شەكىل، رەڭدىكى ماشىنىلارنىمۇ ماشىنا دەپ تونۇشقا باشلايدۇ. تەپەككۇر پائالىيىتىدىمۇ ئەڭ دەسلەپكى يىغىنچاقلاش ئالاھىدىلىكى ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئائىلە باشلىقلىرى بالىغا بىر قىسىم ئاددىي تۈردىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار يەنە سىمۋوللۇق بەلگىدىن پايدىلىنىپ تەپەككۇر قىلىشقا باشلايدۇ، بىر قىسىم جىسىملارنىڭ ئورنىغا باشقا جىسىملارنى قويۇپ باقىدۇ. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ <ئۆي بېزەش> ئويۇنىدا بۇ خىل ئالاھىدىلىك روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. بالا بەزى ۋاقىتتا قونچاقنى ئۆزى دەپ ھېسابلايدۇ. ئۆزىنى بولسا ئانا دەپ ھېسابلاپ، ئانىسىدىن دوراپ، قونچاقنى باقىدۇ. بۇ باسقۇچتا يەنە سۆز ئارقىلىق بىر قىسىم تەپەككۇر پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. بىراق يەنىلا شەيئىلەرنىڭ ماھىيەت ئالاھىدىلىكىنى بىلەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى چوڭلارنىڭكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىدىغان سۆزلىرى يەنىلا بىر ئاز بولغاچقا، پەقەت چەكلىك سۆز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ.