نېمە ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
كۆرۈنۈشىدىن <ساغلام> كۆرۈنگەن كىشىدە كېسەل بولماسلىقى ناتايىن، چۈنكى نۇرغۇن كېسەللىك ئالامەتلىرى دەسلەپكى چاغلاردا ئانچە مەلۇم بولمايدۇ ياكى بەزى ئالامەتلىرى كۆرۈلسىمۇ، ئېنىق بولمايدۇ؛ بەزىلەر ياش، سالامەتلىك ئاساسى ياخشى بولغاچقا، ھېس قىلالمايدۇ، مەسىلەن، ئۈچەي راكى، جىگەر راكى قاتارلىقلار. بۇنداق كېسەللىكلەرنى بىمارلار دەسلەپتە سېزەلمەيدۇ، بىمارلار ھېس قىلغان چاغدا، كېسەللىك ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولىدۇ - دە، كېسەل پىشىپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا كېسەللىكنى داۋالىماق ناھايىتى تەس بولۇپ، ئۆلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت كېسەللىكلىرىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىمۇ ئېنىق بولمايدۇ. بۇنداق كېسەللىكلەرنى قانچە بۇرۇن داۋالىسا، ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسلىق چارىسى سالامەتلىكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش. ئادەتتە يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈلىدۇ، تەكشۈرۈش مەزمۇنى ئىچكى كېسەللىك، تاشقى كېسەللىك، سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى ياكى ئاياللار كېسەللىكلىرى، بەش ئەزا، كۆز، قان بېسىمىنى ئۆلچەش، جىگەر ئىقتىدارى، B تىپلىق جىگەر يۈزى ئانتىگېنى، قاندىكى ماي، شېكەر تەركىبى، چوك - كىچك تەرەت، B چاۋ، كاردىئوگرامما، رېنتگېن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
تۇرمۇشتا، يەنە بەزى كىشىلەر ساغلاملىق بىلەن كېسەللىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياشايدۇ، ئۇلاردا كۆرۈنەرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاسانلا چارچاپ قالىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولمايدۇ، كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇپ كۈچى ناچار، دائىم زۇكام بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش تېخىمۇ زۆرۈر، ئەگەر كېسەللىك بايقالسا، بالدۇر داۋالىغىلى بولىدۇ.