نېمە ئۈچۈن جىگەر ئىقتىدارى ۋە HP ئانتىـگېنىنى تەكشۈرتۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
جىگەر ئىقتىدارى ۋە HP ئانتىگېنىنى تەكشۈرتۈش ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قائىدىلىك تەكشۈرۈش بولۇپ، ئانا تېنىدە زەھەرلىك ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان ھامان ئايرىۋېتىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن داۋالاش كېرەك. ئەگەر ئانا تېنىدە B تىپلىق زەھەرلىك ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى بولسا، ئۇنداقتا بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقۇپ بولغان بولىدۇ. بەزى كىشىلەر ھەمىشە بۇ خىل كېسەل ۋىرۇسلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگۈچى بولۇپ، بىراق ئۆزىدە ھېچقانداق كېسەللىك ئەھۋالى بايقالمايدۇ. پەقەت ئۇزۇن مۇددەت كېسەل ۋىرۇسلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرىدۇ، بۇ خىل كىشىلەر ھەممە يەرگە ۋىرۇس تارقىتىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغاچقا، ئوڭايلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا تەكشۈرتۈش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھەم ۋاقتىدا داۋالىغىلى بولىدۇ ھەم داۋاملىق ھامىلىدار بولسا بولامدۇ - يوق شۇنى ئويلىشىپ، ئانا - بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.