UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئالەم قانداق بارلىققا كەلگەن؟

ئالەم قانداق بارلىققا كەلگەن؟

نېمە ئۈچۈن ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى ئەپسانىلىرىدە پەنگۇ ئىسىملىك بىر ئەۋلىيانىڭ ئاسمان ۋە زېمىننى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بۈگۈنكى كۈندىكى ئالەمنى بىنا قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. غەربلىكلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابى <ئىنجىل> دا بولسا خۇدانىڭ ئالتە كۈن ئىچىدە ئاسمان - زېمىن ۋە باشقا بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقانلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا، بىز تۇرۇۋاتقان ئالەم قانداق بارلىققا كەلگەن؟ ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئالەم بىر قېتىملىق <چوڭ پارتلاش> تىن بارلىققا كەلگەن. دەسلەپتە، ئالەمدە ھېچقانداق نەرسە يوق بولۇپ، بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئاجايىپ نۇقتىغا مەركەزلەشكەنىكەن. بۇ نۇقتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى، زىچلىقىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، <ئالەم تۇخۇمى> دەپ ئاتىلىدىكەن. <گۈمبۈر> قىلغان غايەت زور ئاۋاز بىلەن تەڭلا، <ئالەم تۇخۇمى> پارتلاپ، ئالەم تۆت ئەتراپقا قاراپ كېڭىيىشكە باشلىغان. ئالەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ بارا - بارا تۆۋەنلىگەن. بۇ چاغدا ئالەم گازلار بىلەن تولغان. يەنە ناھايىتى نۇرغۇن زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن، گاز جىسىملار تەدرىجىي ھالدا تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسى، يۇلتۇزلار توپى، تۇرغۇن يۇلتۇز قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرگەن... ئەڭ ئاخىرىدا بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆرۈپ تۇرغان يۇلتۇزلۇق دۇنيا شەكىللەنگەن. ئالەمنىڭ ئاشۇ قېتىمقى <قورقۇنچلۇق> چوڭ پارتلىشىنى ھېچقايسىمىز كۆرۈپ باقمىغان. ئەمما چوڭ پارتلاش پەيدا بولغان دولقۇننىڭ قالدۇقى تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئالەم بوشلۇقىدا يەنىلا ئۆز تەسىرىنى يوقاتقىنى يوق. كىشىلەر رادىئو تېلېسكوپ ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىدىكى مەڭگۈ يوقىتىۋەتكىلى بولمايدىغان بىر خىل شاۋقۇننى <ئاڭلىيالايدۇ>، ئالىملار بۇ خىل شاۋقۇننى ئالەم ئارقا كۆرۈنۈش رادىئاتسىيىسى دەپ ئاتايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئالەم قانداق بارلىققا كەلگەن؟ | UyghurWiki | UyghurWiki