ئىشقا چىقىش مەزگىلىدە قانداق قىلغاندا ياندۇرۇش ئەھۋالىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلىدار ئاياللار مەيلى ئىشلىگەن ياكى ئىشلىمىگەن ۋاقتى بولسۇن ياندۇرۇش ئەھۋالى ئاساسەن ئوخشاش، ئۆزىنىڭ قورسىقىنىڭ قاتتىق ئېچىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىشتىن ئاۋۋال بىر ئاز پىرەنىك قاتارلىق قۇرۇق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ قويۇش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، بىر تىڭشىغۇچ تەييارلاپ، مەيلى ماشىنىغا چىققاندا بولسۇن قانداق ئەھۋال ئاستىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش، ئەگەر يەنە ئەنسىرەيدىغان ئىش بولسا، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە، بىر قىسىم دورىلارنى تەييارلاپ قويۇش كېرەك. ماشىنىدا، ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا چىشىنى چىشلەپ تۇرماي، دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ، بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىش، كىچىك سۇلياۋ خالتا ۋە كىچىك لۆڭگىلەرنى داۋاملىق يېنىدا ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك. ئەگەر جىددىي لازىم بولسا، دەرھال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكىلەر خىزمەتچى ئاياللار ئۈچۈن چوقۇم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1. بالدۇرراق ئىدارە ۋە شىركەتلەرگە ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ قويۇش كېرەك. بەزى ھامىلىدار ئاياللار شىركەتكە قىيىنچىلىق ۋە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى يوشۇرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل دائىم خەتەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمەلىيەتتە شىركەت بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، ھامىلىدار ئاياللار چۈشىنىش ۋە ياردەمگە ئېرىشىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە شىركەتمۇ بالدۇرراق تۇغۇت ئارامى قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
2. ئىشتىن ئاۋۋال ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ۋە بالا تەربىيىلەش جەريانىدىكى تۈزۈمنى كۆرۈپ بېقىش. ھەربىر شىركەتتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ۋە تەربىيە مەزگىلىدىكى بەلگىلىمە ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئىشتىن ئاۋۋال چوقۇم مەسئۇل ئورۇن ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئېنىق سوراپ بىلىۋېلىش. بولۇپمۇ تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئارام كۈنىنى، ئىش ھەققىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى، ئىشقا چىقىش ۋە چۈشۈش ۋاقتىنى، تۇغۇتتىن كېيىنكى بالا بېقىش ۋاقتىنى، بەلگىلىك ۋاقىتتا تەكشۈرۈش ۋە ھامىلىدار مەزگىلىدىكى ئېغىر ياندۇرۇشقا قارىتا ئالاھىدە ئارام قاتارلىقلارنى چوقۇم ئېنىق بىلىۋېلىش كېرەك.
3. بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەتنىڭ مەزمۇنىدا چوقۇم ئەمگەك ۋە خىلمۇخىل تاپشۇرۇقلار، بېسىم نىسبەتەن چوڭ بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت بولۇپ، بۇ خىل خىزمەت مۇھىتى جەھەتتىكى مەسىلىنى چوقۇم باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تەڭشەش كېرەك