نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېردا شىفىرنى تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئۇرۇشتا، قىسىمغا قوماندانلىق قىلىش ياكى ئۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش ئىشلىرى رادىئو ئالاقىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا ئالدىن شىفىر تۈزۈپ، رادىئو تېلېگرامما ئاپپاراتى ئارقىلىق خەۋەرلىشىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا، دۈشمەنلەر شىفىرلىق تېلېگراممىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەيدۇ.
شىفىرنىڭ تۈزۈلۈش قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقىپ، <مەخپىي تېكىست>نى <چۈشىنىشلىك تېكىست> كە ئايلاندۇرۇش جەريانى <شىفىرنى تەرجىمە قىلىش> دەپ ئاتىلىدۇ. شىفىر ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، ئۇنى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ تەرجىمە قىلىش ئىنتايىن قىيىن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسى 5000 دىن ئوشۇق ئادەمنى مەخسۇس گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مەخپىي شىفىرىنى تەرجىمە قىلىشقا تەشكىللىگەن، شۇنداقتىمۇ بىر شىفىرنى تەرجىمە قىلىپ بولماي تۇرۇپلا يەنە بىر شىفىرغا دۇچ كېلىپ تۇرغان.
ھازىر كىشىلەر شىفىر تەرجىمە قىلىدىغان بۇر مۇتەخەسسىسكە - چوڭ تىپتىكى كومپيۇتېرغا ئىگە بولدى. ئۇنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، سانسىزلىغان رەقەملەر ئىچىدىن شىفىرنىڭ قانۇنىيىتىنى تېزلا تېپىۋالالايدۇ.
كومپيۇتېر ئىنتايىن مۇرەككەپ شىفىرلارنى تەرجىمە قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىنتايىن مۇرەككەپ شىفىرلانىمۇ تۈزەلەيدۇ، ھازىرقى زاماندا، شىفىر تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىش كومپيۇتېرلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىشقا ئايلاندى. كىمنىڭ كومپيۇتېرى ئىلغار بولسا، سۇ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلەيدۇ.