UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن كومپيۇتېر خەلقئارا شاھمات ئۇستىسىنى يېڭەلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېر خەلقئارا شاھمات ئۇستىسىنى يېڭەلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن 1997 - يىل 5 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە بىر مەيدان ئۆزگىچە خەلقئارالىق شاھمات مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە قاتناشقان بىر تەرەپ دۇنياچېمپېيونى كاسپاروف، يەنە بىر تەرەپ بولسا <كۆكنۇر> ئىسىملىك كومپيۇتېر ئىدى. نەتىجىدە <كۆكنۇر> غەلىبە قىلدى. <كۆكنۇر> مەخسۇس خەلقئارالىق شاھمات ئويناش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن چوڭ تىپتىكى كومپيۇتېر ئىدى. ئۇنىڭ شاھمات ئويناش ماھارىتىنى يۇمشاق ماتېرىيال لايىھىلىگۈچىلەر <ئۆگەتكەن>. لايىھىلىگۈچىلەر ئاۋۋال ئۇنىڭغا مېڭىش قائىدىلىرى ۋە ئادەتتىكى شاھمات ئويناش قائىدىلىرىنى <ئۆگەتكەن>، بۇ قائىدىلەر ئۇنى ئەڭ ياخشى مېڭىش لايىھىسىنى تۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان، ئاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا شاھمات ئويناش پروگراممىسىنى تۈزۈپ بېرىپ، شاھمات ئويناش جەريانىدا، قەدەممۇ قەدەم مېڭىش يوللىرىنى، قايسى ئۇرۇقلارنى يۆتكىسە بولىدىغانلىقىنى، ھەر بىر ئورۇقنىڭ قانچە خىل مېڭىش يولى بارلىقىنى، شۇنداقلا ھەر بىر خىل مېڭىشنىڭ قايسى تەرەپكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تېز ھېسابلاپ چىقىشنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى نەچچە مىڭ خىل مېڭىش ئۇسۇلى ئىچىدىن ئۇتۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان مېڭىش قەدىمىنى تاللىيالايدىغان قىلغان. شاھمات ئوينىغاندا، شاھمات ماھىرىنىڭ ئالدىن ئويلىيالايدىغان مېڭىش يولى قانچە كۆپ بولسا، ئۇنىڭ سەۋىيىسى شۇنچە يۇقىرى، غەلىبە قىلىش ئىمكانىيىتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، <كۆكنۇر> نىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا مۇرەككەپ ھېسابلاشنى تاماملىيالايدۇ. ئۇ بۇ خىل كۈچلۈك ھېسابلاش ئىقتىدارى بىلەن، ھەر بىر قەدەم ئۇرۇق يۆتكىگەندىن كېيىنكى 10 - 11 قەدەملىك مېڭىش يولىنى ئويلىيالايدۇ. <كۆكنۇر> ئاشۇنداق تېزلىكىگە تايىنىپ ئەڭ ئاخىرى دۇنيا چېمپىيونىدىن غالىب كەلگەن.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېر خەلقئارا شاھمات ئۇستىسىنى يېڭەلەيدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki