گۆش قورۇغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
گۆشنىڭ تەركىبىدە ناھايىتى مول ئاقسىل بولۇپ، گۆشنى قورۇغاندا ئاۋۋال ئازراق كراخمال قوشۇپ ئىلەشتۈرۈۋەتكەندە، ئاقسىلنىڭ خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە گۆشنى يۇمشاق، تاتلىق پىشۇرغىلى بولىدۇ. بالىلارنىڭ چايناش ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى چوڭلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، شۇڭا گۆشنى ئىنچىكە، ئۇششاق، نېپىز توغراش ، قورۇغاندا ئەڭ ياخشىسى تۆمۈر قازان ئىشلىتىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بىر ئاز قاتتىقراق گۆش مەسىلەن: كالا گۆشى قاتارلىقلارنى پارچە - پارچە قىلىپ، يۇمشاق توغراپ، بەك پىشۇرۇپ ئاندىن بالىلارغا بېرىش كېرەك. بېلىق گۆشىنى پىشۇرغاندا، بالىلار قىلتىرىقنى چىقىرالمىغاچقا، بېلىق گۆشىنىڭ قىلتىرىقىنى چىقىرىپ، پاكىز يۇغاندىن كېيىن ئاندىن قورۇش (پىشۇرۇش) كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا بېلىق قورۇغاندا ياكى ئۇستىخانلارنى دۈملەپ پىشۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيسا، بالىلارنىڭ كالتسىي قوبۇل قىلىشىغا پايدىلىق.