نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېر <دوختۇر> بۇلالايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، كومپيۇتېر <دوختۇر>لار ئاستا - ئاستا تۇرمۇشىمىزغا كىرىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ سۈرئىتى تېز، خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى، ھۆكۈم قىلىشى توغرا بولۇپ، داڭلىق دوختۇرلارنىڭ سەۋىيىسىگە تەڭلىشەلەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ شۇنداق كارامىتى باركى، بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن بىمارغا خىزمەت قىلالايدۇ، ۋاقىت ۋە ئۇرۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ؛ ئۇلار چارچىمايدۇ، ئاسانلىقچە خاتالىق سادىر قىلمايدۇ، كەپىياتىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ. بۇنداق دوختۇرلار ھەقىقەتەن قالتىس -دە!
كومپيۇتېر <دوختۇر> ئەمەلىيەتتە مەخسۇس داۋالاش يۇمشاق ماتېرىيالى قاچىلانغان كومپيۇتېر بولۇپ، بۇ خىل يۇمشاق ماتېرىيال داۋالاش مۇتەخەسسىسى سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. كىشىلەر، داڭلىق دوختۇرلارنىڭ بىلىمى ۋە تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، بىر بىلىم ئامبىرى قۇرۇپ چىققان ھەمدە ئۇنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ساقلاپ قويغان. بىمار كېسەل كۆرسەتكەندە، كومپيۇتېر ئالدى بىلەن بىمار بىلەن <سۆزلىشىپ>، <كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىگىلەپ>، كېسەللىككە دائىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىدۇ. ئاندىن كېيىن، بىلىم ئامبىرىدىكى بىلىملەردىن پايدىلىنىپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن خۇلاسە چىقىرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا، داڭلىق دوختۇرلاردەك دىئاگنوز قويىدۇ ۋە رېتسىپ يېزىپ بېرىدۇ.
كومپيۇتېر <دوختۇر> نىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى بولسىمۇ، يەنىلا يېتەرسىزلىكى بار، مەسىلەن، بىلىم دائىرىسى چەكلىك بولغاچقا، <ئىگىلىگەن> بىلىمىنى جانلىق ئىشلىتەلمەيدۇ، ئۆزگىرىشچان كېسەللىكلەرگە شۇ ھامان ماسلىشالمايدۇ. ھازىر، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى تۈرلۈك داۋالاش مۇتەخەسسىسى سىستېمىسىنى يېڭىلاپ، كومپيۇتېر <دوختۇر> نىڭ داۋالاش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.