UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئوزۇقلىنىشى ناچار بالىلارنى قانداق داۋالاش ۋە كۈتۈش كېرەك؟

ئوزۇقلىنىشى ناچار بالىلارنى قانداق داۋالاش ۋە كۈتۈش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئوزۇقلىنىشى ناچارلىققا گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاش ۋە كۈتۈشتە ئاساسلىقى سەۋەبىگە ئاساسەن ئالامىتىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. 1. كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوزۇقلىنىشى ناچار بالىلار ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچار بوۋاقلارغا نىسبەتەن، بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش كېرەك. كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە داۋالاش بۇ خىلدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچار بالىلارنى داۋالاشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. 2. يېنىك، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچارلىققا گىرىپتار بولغۇچى بالىلارغا نىسبەتەن ئەگەر ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نورمال، پەقەتلا بېقىش مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان بولسا، دورا بىلەن داۋالىماي پەقەت بېقىش ئۇسۇلىنى ۋە ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ داۋالاشقا بولىدۇ. 3. ئۇزۇن مەزگىل ئاقسىل يېتىشمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوزۇقلىنىشى ناچار بالىلارغا نىسبەتەن، ئەسلىدىكى ئوزۇقلاندۇرۇش ئۇسۇل ئاساسىدا تەرتىپ بىلەن ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش، ئاندىن قەدەممۇقەدەم مۇۋاپىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان يېمەك - ئىچمەك قۇرۇلمىسىغا ئۆتسە بولىدۇ. 4. ئىسسىقلىق مىقدارى كەملىكتىن كېلىپ چىققان ئوزۇقلىنىشى ناچار بالىلارغا نىسبەتەن، مۇۋاپىق تەڭپۇڭ ھالەتتىكى يېمەك - ئىچمەك قۇرۇلمىسى ئاساسىدا، مۇۋاپىق ھالدا يۇقىرى ئىسسىقلىق يېمەكلىك بىلەن بېقىش، يەنى ئانا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئەلا سۈپەتلىك سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىش ئاساسىدا، ئۈگرە، شوۋىگۈرۈچ قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىش ھەمدە ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى يېتەرلىك تولۇقلاش بىلەن بىللە يەنە ياخشى بولغان يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تاماق تاللايدىغان يامان ئادەتلەرنى يوقىتىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە