UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئالتە ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەر قانداق تەييارلاپ بېرىلىدۇ؟

ئالتە ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەر قانداق تەييارلاپ بېرىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئالتە ئايلىق بوۋاقلارغا تۆۋەندىكىدەك قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ بېرىشكە بولىدۇ. ① تۇخۇم سېرىقى ئۇمىچى. گۈرۈچ (ياكى تېرىق) تىن ئىككى قوشۇق ئېلىپ يۇيۇپ، 012 مىللىلىتىر سۇغا بىر - ئىككى سائەت چىلاپ قويۇپ، ئاندىن سۇس ئوتتا 40 ~ 50 مىنۇت پىشۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئېزىپ تەييارلانغان تۇخۇم سېرىقىنى سېلىپ يەنە ئون مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرسا بولىدۇ. ② قايماقلىق تۇخۇم. يېرىم خام تۇخۇم سېرىقى، كراخمالدىن يېرىم قوشۇق ئېلىپ قازانغا سېلىپ، سۇ قۇشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئوتتا بىر تەرەپتىن ئارىلاشتۇرۇپ بىر تەرەپتىن پىشۇرۇلىدۇ. تاكى يېپىشقاق ھالەتكە كەلگۈچە پىشۇرۇپ، سوۋۇغاندىن كېيىن ئازراق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. ③ ياغدا پىشۇرۇلغان موما پارچىسى. موما 5.0 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا كېسىپ تەييارلىنىدۇ. تۇخۇمنى قاچىغا چېقىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئازراق كراخمال، ساپ تۇز قوشۇلۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن ئۆسۈملۈك يېغىنى قازانغا قۇيۇپ قىزىتىپ، موما پارچىسىنى تۇخۇم ئۇمىچىغا سېلىپ، ئىككى تەرىپىگە تەكشى سۈركىگەندىن كېيىن، قازانغا سېلىپ مايدا سېرىق رەڭگە كىرگۈچە پىشۇرۇپ ئېلىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن يىگۈزسە بولىدۇ. ئالتە ئايلىق بوۋاقلارغا تاماق ئورۇنلاشتۇرۇشتا، تۆۋەندىكى تاماق تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. 00:6 ئانا سۈتى. 00:10 ئاۋۋال شوۋىگۈرۈچ، تۇخۇم سېرىقى ئۇمىچى ھەمدە مېۋە بوتقىسى بېرىش، ئارقىدىن ئانا سۈتى بېرىش. 00:12 ئانا سۈتى. 00:15 تۇخۇم سېرىقى ئۇمىچى، ئېزىلگەن بېلىق گۆشى ياكى ئېزىلگەن ئۈگرە. 00:17 ئانا سۈتى. 00:21 ئاناسۈتى. ئېمىتىش ئارىلىقىدا يەنە بوۋاققا ئازراق موما پارچىسى، پېچىنە چاينىتىش. يەتتە ئايلىق بوۋاقنىڭ بېقىلىشىدا قانداق ئالاھىدىلىكلەر بار؟
← بارلىق تېمىلار نەمە