UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكېچىسى بالا ئېمىتىشتىن قورقۇپ، بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىش توغرىمۇ؟

كېچىسى بالا ئېمىتىشتىن قورقۇپ، بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىش توغرىمۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزى ئانىلارنىڭ خىزمىتى بولغاچقا، دائىم كېچىسى بالا ئېمىتىش ئۇلارغا نىسبەتەن بەك ئاۋارىچىلىك بولۇپ، ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. كۈندۈزى روھسىز ھالدا خىزمەت قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىۋەتمەكچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بالا تېخى ئەمچەكتىن ئايرىش يېشىغا يەتمىگەن بولۇپ، كېچىسى بالا ئېمىتىشتىن قورقۇپ، ھەرگىز ئەمچەكتىن ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق كېرەك. كۈندۈزى خىزمەت سەۋەبىدىن، بالا بىلەن بىۋاسىتە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىدىغانغا ۋاقتى بولمايدۇ، كېچىسىمۇ بالىنى ئېمىتمىسە، ئۇنداقتا بالا بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراقلىشىپ كېتىدۇ. كېچىسى بالا ئېمىتىش سەۋەبلىك، ئانىنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر يېتىشىدىن قورقماسلىق كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئەكسىچە، ئانا سۈتى تەركىبىدە ئۇخلىتىدىغان ماددىلار بولۇپ، بالىنىڭ ئۇخلىشىغا پايدىلىق شۇنداقلا كېچىسى بالا ئېمىتىش ئانىنىڭ بەدىنىدىكى سۈت قوزغىتىش ھورمۇنلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ئانىمۇ ناھايىتى راھەت ھېس قىلىدۇ ۋە ناھايىتى ياخشى ئۇخلىيالايدۇ، مانا بۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇشتۇر
← بارلىق تېمىلار نەمە